-1-قىسىم
-ۋوي...قانداقسىگە سىزمۇ بۇ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالدىڭىز؟...ماشىنىڭىزچۇ؟ ئەڭ ئاخىرقى ئاپتۇبۇسقا،ئەڭ ئاخىرقى بېلەتنىڭ ئېگىسى بولۇپ ئارانلا ئۈلگۈردۈم.ئۇھ،دېمەيلا، ئالدىدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىرى شۇنداق دەپ گەپكە تۇتتى.ئۇنىڭ كىملىكىنى،ئىسمىنى بىلمەيمەن.ئەمما تونۇشلا چىرايىدىن بىر يەرلىك ئىكەنلىكىمىز چىقىپ تۇراتتى.ئەدەپ يۈزىسىدىن قول ئېلىشىپ كۈرۈشتۈم .يەنە بىر نەچچەيلەنمۇ قول ئۇزارتتى.ئۇلارغا يىغىنغا كەلگەنلىكىمنى، شوپۇرۇمنىڭ تۇيۇقسىز بالنىسقا كىرىپ قالغانلىقىنى، ئەتە سىڭلىمنىڭ قىزى ياتلىق قىلىنىدىغان بولغاچقا جىددى مېڭىپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم.شۇنداق دېگەچ ئورنۇمغا قاراپ ماڭدىم. -گادايلىنىڭ پىتى يۇقۇپ قالارمۇ ئەمدى؟ھى ھى ھى…ــ ھېلىقى كىشىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان يەنە بىرەيلەن شۇنداق دېدى.گەرچە كۈلۈپ تۇرسىمۇ ئۈستىباشلىرىمغا تىكىلگەن كۆزلىرىدە بىر ئۆچمەنلىك يېنىپ تۇراتتى. -يۇقۇپمۇ قالماس!ـــ قوپالىقىم ئۇنىڭ زۇۋانىنى ئۆچۈردى. مۇشۇنداق ئادەملەرگىمۇ بىرمۇنچە چۈشەندۈرۈپ كېتىپتىمەن دېسە. ئاپتۇبۇستىكى نەچچە ئون جۈپ كۆزلەر دېگۈدەك ماڭا قادىلىپ قالغاندى.ئۇلارنىڭ پەرقلىق ئۈستىباشلىرىمغا،سومكىللىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىمغا مىقتەك قادىلىپ تۇرغانلىقىنى سېزىپ تۇراتتىم. شۇ ۋاقىتتا خۇددى كۆزگە كۆرۈنمەس بىر قول تۇتىۋالغاندەك،ئالدىمدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان بىر ئايالغا قاراپ بىردىنلا توختاپ قالدىم. كۆزلىرىم،قۇلاقلىرىم ھەممە سەزگۈلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم. گۈلخان...!! بۇ ئىسىم ۋە بۇ ئادەم ئېسىمگە كېلىشى بىلەن تەڭ،خۇددى ئېچىلماس ئىشىك ئېچىلىپ كېتىپ،ئۇ يەردىكى چىقماسلىققا،كۆرۈنمەسلىككە تېگىشلىك ئاللىقانداق قورقۇنچلۇق نەرسىلەر ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقاندەك،پۈتۈن بەدىنىم بىردىنلا بوشىشىپ كەتتى.يۈرىكىم خۇددى ئات چاپقاندەك دۈك دۈك سالاتتى.بىراۋنىڭ،كېلىشكەن بىر ئەركىشىنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قالغىنىنىمۇ تۇيماي،پەقەت مۇشۇ ئاياللا سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى.ئەكسىچە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بوۋاي ماڭا تەئەجۈبلىنىپ قارىدى.بۇنى سېزىپ مەنمۇ دەرھال جايىمغا كېلىپ ئورۇنلاشتىم. ياق،ئۇ ئەمەس،ئۇ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس... يۈرىكىم ئاغزىمغا كەپلىشىپ،بېشىمنى ئىختىيارسىز سىلكىۋەتتىم.ئۇنى مەڭگۈ كۆزۈم كۆرمىسۇن...شۇ ۋاقىتتا شارتتىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتمەكچى بولدۇم.لېكىن بۇ ۋاقىتتا ماشىنا قوزغۇلۇپ بولغان،ئۆزۈممۇ پۇتلىرى چېپىپ تاشلىۋېتىلگەندەك،ياكى پۈتۈن جىسمىمدىكى قان ئۇيۇپ قالغاندەك ئورنۇمدىن قىمىرلىيالماي ئولتۇرۇپلا قالغانىدىم.« ئۇ ئەمەس... بۇلاردەك ئېقىپ يۈرىدىغان، بىر جايدا مۇقىم تۇرمايدىغان،چىراي شەكلى ئوخشاش ئىشلەمچىلەر كۈرمىڭ.بۇمۇ شۇنداقراق بىرسى...» يۈرىكىم پوكۇلدىغان ھالدا ئۇنىڭغا يەنە بىر رەت ئوغۇرىدەك ياندىن قارىدىم.ئاشۇ ۋاقىتتا ئۇمۇ خۇددى بىرى تارتقاندەك ماڭا لەپپىدە قارىدى.كۆزلىرىمىز ئىختىيارسىز ئۇچرىشىپ قالدى. ئاشۇ كۆزلەر،چىرايلىق قارچۇقلار...ماڭا دەقىقە تىكىلىپ قارىدى...دەسلەپ سەل ئەندىككەندەك،لەۋلىرى بىرنىمىلەرنى دېمەكچى بولغاندەك تىترەپ كەتتى.ئارقىدىن يەنە شۇ خاتىرجەم ئەمما سەل دەلدۈشراق قىياپىتىگە قايتىپ بېشىنى بۇراپلا تالاغا قاراپ ئولتۇرىۋالدى. ھەم ئىككىنچىلەپ مەن تەرەپكە قارىمىدى... ئاپتۇبۇستىكى ھەرقانداق كىشىگە دادىل،ھاكاۋۇرلۇق بىلەن قارىيالايدىغان بايىقى كۆزلىرىم مانا ئەمدى پەقەت مۇشۇ كۆزلەرگىلا تىك قارىيالمىدى.ئۇ مېنى تونىۋالغانمىدۇ؟...تېنىم غۇژژۇلداپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ مېنى ھەرگىزمۇ تونىۋالمىغاي!...ئىختىيارسىز ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن پارقىراق،ياش قورۇقسىز چىرايىمنى ئويلاپ كەتتىم. قېرىپ كەتسەممۇ بوپتىكەن.چاچلىرىم ئاقىرىپ بوۋاي سۈپەت بولۇپ قالساممۇ مەيلىدى!تۇنجى قېتىم ھەرۋاقىت ئىپتىخارلىق بېرىدىغان قاملاشقان،يىگىرمە يىلدىمۇ ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن چىراي شەكلىمدىن قورۇنۇپ كەتتىم.ئەگەر شۇ تاپ چىراي شەكلىم پۈتۈنلەي ئۆزگۈرۈپ كەتكەن بولسا ئۇنىڭ مېنى تونىۋېلىشىدىن قىلچە ئەنسىرىمەيتتىم.بايا نېمىشقىمۇ ئۇنىڭغا چەكچىيىپ قاراپ قالغان بولغىيدىم؟نېمە دەپ كۆزلىرىگە قارىدىم؟ شۇنداق قىلمىغان بولسام ئۇ مېنى ھەرگىزمۇ بايقىيالمايتتى. ھەممىسى ئۆزۈمدىن كەتتى! يۈرىكىم پوكۇلدىغان،بىئارم بولغان ھالدا،ئۇنىڭغا 3- قېتىم يەنە ئوغۇرلۇقچە قارىدىم.ئۇ بەكلا ياداپ كەتكەن ئىدى. بۈرتۈپ چىققان مەڭىز سۆڭەكلىرى،ئولتۇرشۇپ كەتكەن كۆزلىرى،چىرايىنىڭ زادىلا خۇنى يوق.كەڭ پىشانىسى ۋە يۈزلىرىدىكى مىچچىدە قورۇقلار بۇرۇنقى گۈلخاننى پۈتۈنلەي كۈمۈپ تاشلىغان.ھەتتا ئۇنىڭ ئاشۇ چىرايلىق ئىككى زىنىقىمۇ شۇ تاپتا چوڭقۇر كېسىلگەن ئىككى تارتۇقتەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. كۆزلىرىمنى چىڭڭىدە يۇمىۋالدىم.كاللامدا تۈرلۈك تۈمەن خىياللار،ئۆتمۈشلەر،گادىرماچ پىلانلار قۇيۇندەك پىقىراپ چۆگىلەشكە باشلىدى.قارىماي دېگىنىم،قاراشتىن قورققىنىم بىلەن يەنىلا شۇنداق خارامۇشلۇق،گاراڭلىق ئىچىدە پات-پات ئۇنىڭغا قاراپ قويىمەن.ئېلىشىپ قالايلا دېدىم...كۆزلىرىم ئۇنىڭ پۇتىغا سېپىۋالغان مايماق ساپما كەشى بىلەن كەڭ ئېتەكلىك،مۈرىللىرى ساڭگىلاپ قالغان كۆينەكلىرىگە چۈشتى.ئۇنىڭ ئاشۇ چاغدا كىيىۋالىدىغان پاختىللىرى قېلىن تاۋار پىنجىكىمۇ شۇنداق كېلەڭسىز بولىدىغان.لاۋبەننىڭ خوتۇنى بەردى،ئىسسىقكەن،دەپ ئۇچىسىدىن سالمايدىغان...بۇ كۆينەكنىمۇ بىرسى بەرگەن گەپ.ئۇ ئۆمرىدە ئۆزى تاللاپ،ئۆزى پۇل ساناپ،ئۆز بەدىنىگە ئۆلچىتىپ بىرەر كۆڭلەكمۇ كىيىپ باققانمىدۇ؟شۇ تاپ ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ بازارنىڭ ئوتتۇرسىغا ئەكىرىپ خالىغىنىڭىزچە كىيىم كىيىۋېلىڭ،پۇل خەجلەڭ،مانا مەن بار!دېيەلىگەن بولسام قانداق ياخشى بولاتتى ھە؟شۇنداق قىلغىلىمۇ بولارمۇ؟بىر باھانىلەردە،بىر ئۇسۇلدا پۇل خەجلەپ بەرسەم قانداق بولار؟...مۇشۇنداق ئاقماس خىياللارمۇ كاللامدا پىقىراپ يۈرىدۇ... ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئادەمنىڭ تۇرقىمۇ شۇنداق ۋەيرانە. ئۈستىدىكى كونا كىيىملىرىگە ئوخشاش قېرىلىق،پۈرلەش كىيىملىرىگە ئوخشاپ قالغان بويۇن،يۈزلىرىدىكى قورۇقلار كىشىنىڭ كۆڭلىنى تولىمۇ غەش قىلاتتى.قوللىرىدا بەكمۇ ئەرزان،سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن كونا بىر تېلېفوننى تۇتىۋاپتۇ.بۇ ئەر ئۇنىڭ دادىسىمىدۇ ياكى ئېرىمىدۇ...ئەرنىڭ ئۇنىڭغا بىپەرۋا قاراشلىرى ئۇنىڭ دادىسىغىمۇ ئوخشىمايدۇ.يېشىدىكى پەرقنى دېمىگەندە ئۇلار بىر بىرىگە قېيدىشىپ ئولتۇرغان ئەر-خوتۇنلارغا بەكرەك ئوخشايدۇ.ھاياتلىقتا شۇنداق ئادەملەر بار،ئۇلارنىڭ سۇلغۇن قىياپىتىمۇ ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ.ئەگەر بۇلار،يەنى بۇ ئايال شۇ تاپ بۇنداق ۋەيرانە ھالدا ئەمەس،ئىشخانىمىزدىكى ھەممە يەرلىرىنى ئالتۇن بىلەن قاپلىتىپ بولغان ئاق مەريەمدەك،بىر ھال،بىر سۈپەت بىلەن ئالدىمدا پەيدا بولغان بولسا…قانداق ياخشى بولاتتى!ئۇ چاغدا مەن ئۇنىڭدىن،ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بۇ ئاپتۇبۇس ۋە ئۈستىباشلىرىمدا ھەققى باردەك يامان كۆزدە قاراپ تۇرۇشقان بۇ ئەبگا ئادەملەردىن،ئەمەسلا ۋاقىتتا ئاغرىپ قېلىپ، مېنى مۇشۇ بالاغا تىقىپ قويغان شوپۇر دېگەن لەنىتىدىن بۇنچە نەپرەتلىنىپ كەتمەيتتىم. شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېنىدىكى ئەرگە كىملەردىندۇر تېلېفۇن كەلدى. ــــ ئۇ ئاڭلىمايدۇ،زادىلا ئاڭلىمايدۇ...بولدى،ماڭىلا دەڭ...ھە ...ھە...ئۇنى ئالغان چېغىمدىلا پاڭكەن...ۋاي،تاڭەي،بۇرۇنقى ئىشلىرىنى مەن نېمە بىلەي؟بۇرۇنقى ئېرى ئۇرۇپ شۇنداق پاڭ قىلىپ قويغانمۇ ئوخشايدىكەن، قالغىنىنى بىلمىدىم... گاس بولسا بولا،مەنمۇ بۇ گاس خوتۇنغا كۆندۈم.دېخان دېگەن گاس بولسىمۇ ئېتىزنىڭ ئىشى ئاقساپ قالمايدۇ ئاينا!ھى ھى ھى... ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ بوۋاي ئاپتۇبۇستا ئۆزىدىن باشقا ئادەم يوقتەك،ياكى ئۆزىدىن باشقا ئادەمدە تېلفۇن يوقتەك،ئاۋازىنى بولىشىغا قۇيۇۋېتىپ سۆزلىشىۋاتاتتى.سۆز ئارىسىدا پات-پات ئايالىغا ـــ گۈلخانغا قاراپ-قاراپ قوياتتى.ئەمما ئايال خۇددى ئۇزۇن مەنىسىز بىر ئىشقا ئامالسىزلىق ۋە يىرگىنچ ئىچىدە چىداپ تۇرغاندەك، غەمكىن كۆزلىرىنى ماشىنىنىڭ ئەينىكىدىن سىرتقا تىككەن،ئېرىنىڭ نېمىلەرنى دېيىشى بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى. ـــ ۋاي ياقەي...زادىلا بېرىپ باقمىغان،ئۇنى پاڭ قىلىپ قويغان مەن بولمىسام يا؟ئون يىلنىڭياقى پاڭكەن،ئېگە چاقىسى يوقكەن دېمەي، ياخشىلىق قىلىپ قوياي دەپ،خوتۇن قىلىپ ئولتۇردۇم ئاينا...داۋالاتقۇدەك بىزدەك ئادەمدە پۇل يوق قالىسىلا... ـــ نېمە دەيدا؟ـــ يان ئورۇندا ئولتۇرغان دېخان سۈپەت بىر ئادەم،ئەر تېلېفۇننى قۇيۇپ تۇرىشىغىلا شۇنداق دەپ سورىدى.ئۇلار كونا تونۇشتەك، بىر بىرلىرىنىڭ ھالىدىن،تۇرمۇشىدىن خەۋەرلىرى باردەك قىلاتتى. ـــ ئا...خەق بولمامدا؟تىڭشىغۇچ ئالسىڭىز ئاڭلايتى.ئوپراتسىيە قىلسىڭىز ئاڭلايدىكەنتۇق...دەپ كاللامنى ئوچاق قىلىدۇ دېسە...نەدە ئۇنداق جىق پۇل بۇنىڭغا؟قۇلۇمغا چۈشكەندە ساق بۈلۇپ،ئۇنى شۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان مەن بولسامغۇ داۋالاتسام...شۇنداقمۇ يە؟ ـــ ئۇغۇ شۇ،ئەمما داۋالىتىپ قويساڭلىمۇ ئەزىيتتى جۇما،بۇ بەك ئىشلەيدىغان خوتۇنكەن ھاما؟... ـــ ئىشلەيدۇ قالاڭلا،ئىشلىسە ئۆزىنىڭ گېلىغا ئىشلەيدۇ،قايسى خوتۇن ئىشلىمەپتۇ دەيسىلە؟ ـــ ھىم...بۇ خوتۇن قولۇڭلىغا چۈشكىلى قانچە يىل بولدا؟ ـــ ئون يىلچە بولدىمىكى،مەھەللىمىزدە ئۆلۈپ كەتكەن ئېرى تەرەپكە تۇغقان بىرسىنىڭكىگە كەپ قاپتىكەن.قارىسام تۈزۈك ئېگە-چاقىسىمۇ يوق،ئۇ خەقنىڭكىدىمۇ خارلىنىپ قالدى.بېشىنى بىر سىيلاپ قويمايمۇ،دەپ،ئويلاپ،كىشى قويسام،ئۇ خەقمۇ، ھە دەپلا ھېچقانداق ھەشەم دەرەم يوق،تويىمىزنى قىلىپ قويدى.ئۆزى راست بەك ئىشلىق خوتۇن،ئەمما زە قۇلىقى ئاڭلىماي تولا ئىچىمنى پۇشۇرۇپ قويىدۇ.باللىنىڭ كۆزىگە شۇ يېرى سىغمامتىكى،تولا بېشىمنى ئاغرىتىپ،قۇيىۋەتكەن...ئۈرۈمچىگە بالا باققۇچى بولۇپ چىقىپ كەتكەننىمۇ بىلگەنتىم،خوشنىمىز يولغا سېلىپ قويغان.بىر يىلنىڭزى يەنە مۇشۇ خوتۇن بولمىسا بولمايدىكەن دەپ باللا ئۆزى گەپ ئېچىپ قالدى.شۇڭا ئەكەلدىم مانا.ئەمدىغۇ بېشىم تىنچا،دەيمەن. ـــ بەلەن قىپسىلە...ئايلىڭلىنىڭ راستلا ھېچنېمىسى يوقمىكەن؟ئۇرۇق تۇققىنىدىن بىرەسىمۇ كەلمىدىما ئىزدەپ؟ ـــ يوق چاغ ۋا...ئۆزى تولا گەپ قىلمىغاچقا مەنمۇ بۇ خوتۇننىڭ نەلىكلىكىنى،كىمنىڭ بالاۋاقىسى ئىكەنلىكىنى بىلمىدىم...شۇنداق ئۆتىۋاتىمىز. قىزىتما بولۇپ قالغاندەك ئىچىمدە بىرنەرسە يېنىشقا باشلىدى.«ئۇنى مەن تونۇيمەن!»ئالدىمدا ئولتۇرغان ئىككىيلەنگە قاراپ شۇنداق دەپ ۋاقىرۋەتكۈم كەلدى.لېكىن ئۇنداق قىلالمىدىم.دېمىسىمۇ بۇ يەردە ئۇنى تونۇيدىغان،ئۆتمۈشىنى،لېۋەن ياشلىقىنى،تۇققانلىرىنى بىلىدىغان پەقەت مەنلا ئىدىم. ئۆتمۈش يۈرىكىمنى مۇجۇشقا باشلىدى.خۇددى جىن چاپلىشىپ قالغاندەك،يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ قىشلىق تەتىلدە يۈز بەرگەن ھەم شۇ ۋاقىتتىلا تۈگىگەن لەنىتى ئىش كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى.يۈرىكىم پۇچۇلىنىپ،ئىچىمگە قىزىق بىر چوغ چۈشكەندەك ئارامسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتىم.ئۇ ئىشلارنى شۇنچە يىل ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشىپ باقتىم،ھەم ئۇنتۇپمۇ كەتتىم،لكىن ئۇ گويا شۇنچىكى شامال تەگسىلا قايتىدىن يالقۇنجىۋالىدىغان قوقاستىكى چوغدەك،ھە دېمەيلا جېنىمغا تېگىپ،تەشۋىشلىرىمنى قوزغاپلا كەلدى.گاھىدا ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن. دۇنيادا ھەر كۈنى ھەر سائەتتە خىيانەتچىلىك، بۇزۇقچىلىق، ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق، قاتىللىق…قىلىۋاتقان نى نى رەزىل ئادەملەر بار،ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغقۇسىز ۋەھشىلىكلەر بار.ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا مەن ھېچنېمە قىلمىدىم.پەقەت ئىستىقبالىم ئۈچۈن بىر قېتىم ئالدامچىلىق قىلدىم.پەقەت بىر قېتىملا... گۈلخاننىڭ ئاشۇ چاغلاردىكى ياش،ساغلام، چېچەن،زىل،تۇرقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ، ئىختىيارسىز ئالدىمدىكى ئايالغا يەنە بىر رەت لەپپىدە قارىدىم.ئۇنىڭ ئېسىدە نىھات بارمىدۇ؟ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ئاشۇ نىھات؟... مەن بۇ قېرىدىنمۇ مەسئۇلىيەتسىز... گۈلخان بىلەن تونۇشقان ۋاختىمدا ئەمدىلا21 ياشقا كىرگەن كەمبەغەل ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىدىم. بالىلىقىم،ياشلىقىم،ھەتتا ھېچكىم ھېچكىمنى تونىمايدىغان ئالى مەكتەپ ھاياتىممۇ شۇ نامراتلىقىم،ھە دېسىلا ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرالمايدىغانلىقىم،پات پات يەڭگۈشلىنىپ تۇرمايدىغان ئاددى ئۈستىباشلىرىم سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ،ئەڭ ئەلەملىك بولىدىغان قىز ساۋاقداشلىرىمنىڭ مەنسىتمەسلىك بىلەن نەزەر سېلىشى،ياراتماسلىقى ئىچىدىكى ئىچ پۇشۇقتا ئۆتەتتى.باشقا بالىلار خۇشخۇي پاراڭلاشقاندا مەن قاپاقلىرىمنى تۈرۈپ ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتەتتىم.ئۇلار مېنى ياراتمىسا ئۇلارنى تېخىمۇ ياراتمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم.تاشقى قىياپىتىم ئۇلارغا يېتەلمىگىنى بىلەن مەن ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئەقىللىق ئىدىم.دەرستىمۇ ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭاتتىم. جان تىكىپ دەرسلىرىمنى ئۆگۈنەتتىم.پۇل كەتمەيدىغان ھەرقانداق ئۆگىنىش پۇرسىتىنى كەتكۈزىۋەتمەيتتىم.ئۆزۈمنى ئۇلاردىن ئۈستۈن چاغلايتتىم.ھېچ بولمىغاندا ھامان ئۇلاردىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم.شۇڭا ھەرقانداق ئەھۋالدىمۇ،ئاچ قالساممۇ،ھەپتە ھەپتىلەپ بىر تىيىن خەجلىمىسەممۇ،چىشىمنى چىشلەپ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئاشۇ كۈننى ئۈنسىز كۈتەتتىم.ھەر قېتىم كونا ئۈستىباشلىرىم، ياماق چۈشكەن قوپال ئايىقىم بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ،مۇئەللىم ئىشلەشكە بۇيرىغان مەسىلىلەرنى دوسكىدا خاتاسىز يېشىۋەتكىنىمدە،مۇئەللىمىمىزدىن باشقا بالىلارنىڭ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ كۈلۈشىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنمدە،ئۇلارغا قارتا ئىچىمدە يانغان ئۆچمەنلىك،كۆرەلمەسلىك،نەپرەت ئەڭ يوقۇرى چەككە يېتەتتى. يېشىم چوڭايغانسېرى، جەمىيەت سىرلىرىنى،ئادەملەرنى چۈشەندىم.مەن ئېگە بولۇش ئۈچۈن ھارماي تىرىشىۋاتقان نەرسىلەرگە ھېچقانداق قابىلىيىتى يوق،ناھايىتى دۆت،ئويۇنچى بالىلار دادىسىنىڭ پۇلى،ئورنى ۋە ھوقۇقى بولغاچقا زادىلا كۈچمەيمۇ ئېرىشەلەيتتى.بۇلار ماڭا پۇلنىڭ ھوقۇقنىڭ ئورۇن،مەرتىۋە ئابرۇي ئىناۋەتنىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈردى. يوقسۇزلۇق قانچىلىك ئۇلۇغ،قانچىلىك ئالىجاناب بولسۇن بەرىبىر ئادەمنى رەسۋا تەقدىردىن قۇتۇلدۇرالمايدىكەن، كىشى تۇرمۇشتا مۇھتاجلىقتا قالغاندا شۇ ئاتالمىش ئۇلۇغلۇق، ئالىجاناپلىق، ئاق كۆڭۈللۈك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر تىيىنگە ئەرزىمەس نەرسىلەركەن. مەن بۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم. شۇڭا جانجەھلىم بىلەن تۇرمۇشۇمدىكى نامراتلىقتىن پاك پاكىزە قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن تىرىشتىم.
2-قىسىم
ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم بىر يىللىق ئوقۇش پۇلۇمنى ۋە تۇرمۇش راسخودۇمنى تېپىشىم كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ كۆلگە چۈشۈپ قۇمۇش ئورىغۇچى مۇساپىرلار توپىغا قۇشۇلۇپ كەتتىم.دەسلەپ بۇ يەردە ياشىمىقىم خۇددى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى خەتەردە قالغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى.چۈنكى ھە دېگەندىلا كىملەرنىڭدۇر مۇزنىڭ تېگىگە كىرىپ كېتىپ ئۆلۈكىنىمۇ سۈزەلمىگەنلىكى،كىملەرنىڭدۇر قۇمۇش باسقان تەرەكتۇرى بىلەنلا كۆلگە چۆكۈپ كەتكەنلىكى... دەك يامان خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق.بۇنداق شۇم خەۋەرلەر بەدەنگە نۇرغۇن يىڭنە سانچىلىۋاتقاندەك ھەممەيلەننى تەشۋىشلەندۈرەتتى. ئەنسىزلىككە سالاتتى.شۇنداقلا بىزنى مۇزنىڭ ئۈستىدىكى،ئاستىدىكى ھەر بىر نەرسىگە ناھايىتى دىققەت بىلەن قاراشقا،جېنىمىزنى ئالقىنىمىزدا كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە مەجبۇر قىلاتتى.ھالبۇكى،كۆلنىڭ قۇمۇش ئۈنگەن چەت چۆرىسى قېلىن مۇز تۇتۇپ كەتكەن بىلەن بەش يۈز مېتىر نېرىسى يەنىلا ئۇلۇغ ئېقىۋاتقان چوڭقۇر سۇ بولۇپ،كۆلنىڭ بەزى يەرلىرىدە مۇز قېلىن،بەزى يەرلىرىدە مۇز نېپىز ئىدى.سەللا بىخەستەلىك قىلىنسا مۇزلار غاراسلاپ سۇنۇپ،ئاللىكىملەر ۋايجان،دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا سۇغا چۆكۈپ كېتەتتى.ناھايىتى قاۋۇل ۋە تەجىربىلىك كەلگەن سۇ ئۈزگۈچىلەر بولمىسا،سۇغا چۆكۈپ كەتكەنلەرنىڭ كىرىپ كەتكىنى كەتكەن بولاتتى.يەنى قارا قىشنىڭ ئۇزاق،سوغوقنىڭ قاتتىق بولغىنى ۋە مۇزنىڭ قېلىن،چىڭ تۇتقىنى نورمال كىشىلەرگە نىسبەتەن چىدىغىلى بولمايدىغان قەھرىتان سوغوق بولغىنى بىلەن،كۆلدىكىلەرگە نىسبەتەن، ئۇ بايلىق،ئۈمىد ۋە شادلىقتىن دېرەك بېرەتتى.ئەمما بۇ يەردە يا ئادەمگە يا مۇزغا ئىشەنگىلى بولمايتتى. دېكابىرنىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغوق كۈنلىرىدىن باشلاپ، قۇمۇشلۇقتا ئىش قايناپ كېتەتتى. كىگىز پىيمىلارنى كىيىپ،قېلىن كۈرەك جۇۋىلارغا،تېرە ئىشتان،تېرە قۇلاقچىلارغا ئورىنىۋالغان تەرەكتۇرچىلار ئاسمان پەلەك قۇمۇشلار بېسىلغان قول تەرەكتۇرلىرىنى پاقىلدىتىپ،ئۇيان بۇيان ئۆتۈپ تۇراتتى.ئىشنىڭ ئېغىرلىقى،جاندىن ئۆتكۈدەك قاتتىق سوغوق،ئىشلەمچىلەرنى تېرىككەك،سەپرا قىلىۋەتكەنىدى.شۇڭا ئۇلار بىر بىرى بىلەن قوپال سۆزلىشەتتى.ئانچىكى ئىشلارغا ھۈرپىيىشىپ،مۇشتلىشىپمۇ كېتەتتى.ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت تىللار بىلەن كۆڭلىنى ئاغىرتقانلارنى غەيۋانىسىغا جەددى جەمەتى بىلەن قۇشۇپ مىڭنى تىللايتتى.لېكىن قولى ئىشتىن بوشىغان ئاخشام كەچلەردە ناخشا ئېيتىپ،مۇڭلۇق ساز چالاتتى،قوپال يالىڭاچ چاق چاقلارنى قىلىشىپ قاقاقلاپ كۈلىشەتتى.ئامالنىڭ بېرىچە ئۇيقۇنى ئاز ئۇخلايتتى.ئۇلارنىڭ دەرت ئەلەملىرى،ئامەت خوشاللىقلىرى ھەرقاچان بىر بىرىدىن ئايرىلمىغان ھالدا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇراتتى.ئۇلار روھىيىتىنى قاماللاپ تۇرغان بارلىق قورقۇنچ ۋە ساراسىمىلىرىنى مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق چىقىرىپ تاشلىشاتتى.بۇ يەردە ئادەملەرنىڭ ھاياتى گويا قارا يامغۇر پاكىز توپىنى قارا لاتقا قىلىۋەتكەندەك يوقسۇزلۇق تەرپىدىن دەپسەندە بولۇپ كەتكەندى. مەن خوتەندىن كەلگەن مەتتۇسۇن، نىياز،ئابدىرازاق ۋە داۋۇت بىلەن بىر كەپىدە بىللە تۇراتتىم.كەپىمىز باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا سەل چوڭراق ياسالغان ئىدى.كېچىللىرى،تولۇن ئاي كەپىللىرىمىزنىڭ قۇمۇش ئۆگزىسى ۋە قېلىن قۇمۇش تاملىرىدىن بىمالال كىرىپ،ئۇنىڭ ئىچىنى يورۇتۇپ تۇراتتى. مۇزنىڭ ئۈستىگە قېلىن سېلىنغان قۇمۇش «كۆرپىمىز»دە بەدەشقان قۇرۇپ،ھارغىنىمىزدا سونايلىنىپ يېتىپ،بەزىدە نىيازنىڭ تەمبۇرىدىن،مەتتۇسۇننىڭ دۇتتارىدىن چىققان مۇڭلۇق خەلق كۈيلىرىگە قۇلاق سېلىپ،بەزىدە ئۆز پاراڭلىرىمىز،بېشىمىزغا كەلگەن قىسمەتلىرىمىزنى سۆزلىشىپ باش توخۇ چىللىغاندىلا كۆزىمىزنى يۇماتتۇق.شۇنىڭدا ئۇيقۇمىز كەم بولاتتى،ئۇيقۇدا سوغوق ئىچىمىزگە ئۆتۈپ كەتكۈچە تاڭ ئېتىپ ئىش ۋاختىمىز كېلەتتى. ـــ ئاز ئۇخلا،بولمىسا بۇ سوغوقتا مۇزدەك ئۇيۇپ،ئۆلگىنىڭنىمۇ تۇيمايلا قالىسەن،ـــ دەيتتى ئارىمىزدىكى ئەڭ تەجىربىلىك مەتتۇسۇن.ئۇنىڭ قۇمۇش ۋە كۆلگە مۇناسىۋەتلىك بىلىدىغانلىرى ھەممىمىزنىڭكىدىن كۆپ ۋە ئىشەنچلىك ئىدى.كۆلنىڭ تېگىگە كىرىپ كەتكەن ئۆلۈكلەرنىمۇ مۇشۇ مەتتۇسۇن سۈزۈپ چىقالايدۇ،دەپ باشقىلار ئۇنى باشقىچە چوڭ بىلەتتى. دەرۋەقە ئىشىمىز بەكمۇ جاپالىق بولغان بىلەن پۇلنى جىق تاپقىلى بولاتتى.بىزنى ئىشلەتكىلى ئېلىپ چىققان خوجايىنمۇ كېلىشەڭگۈ كىشى ئىكەن.دېگىنىنى قىلساقلا قوساقتىن،پۇلدىن قىسمايتتى.كۈنلىكىمىزنى كۈندە ئېلىپ،كۈرەك جۇۋامنىڭ ئىچ تەرىپىگە جۇۋىنىڭ ئەسلى ئىگىسى تەرپىدىن تىكىۋېتىلگەن ئوي تېرە يانچۇقۇممۇ خېلى تومپىيىپ قالدى.يەنە ھەپتە چىدىۋەتسەملا ئوقۇش پۇلۇمنىمۇ،بىر مەۋسۈم يەتكۈدەك خەجىمنىمۇ قىلىۋالالايتىم. گۈلخان داۋۇتنىڭ جىيەن قىزى ئىدى.بۇ يەردىكى 30دىن ئارتۇق ئىشلەمچىلەرگە تاماق ئېتىپ بېرەتتى. كۆلنىڭ چېتىدىكى،بىر خىشلىق ۋاقىتلىق ئۆيدە 90 ياشقا كىرىپ قالغان كېسەلچان بوۋىسى بىلەن بىللە تۇراتتى.بىزگە تاماق قىلىپ بەرگىنى ئۈچۈن مىڭ يۈئەن مائاش ئالاتتى. ئۇ ناھايىتى قانائەتجان،يۈزى بالىلارنىڭكىدەك كىچىك،مەڭزىدە ئادەمنىڭ ئامراقلىقى كەلگۈدەك بىر جۈپ ئوي زىنىقى بار مۇلايىم قىز ئىدى. ئادەتتە بەكمۇ ئاز گەپ قىلاتتى،زادىلا سۆرەلمىلىك قىلمايتتى.بۇ يەردىكىلەردىن ئۇنچە تارتىنىپمۇ يۈرمەيتتى.ئۇ نېمىشقىدۇر ماڭا قىزىقسىنىپ قارايتتى،كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالغاندا ۋىللىدە قىزىرىپ كېتەتتى.مېنى ئالاھىدە كۈتەتتى،ھېچكىمگە بەرمىگەن ئىللىق مۇئامىلىسىنى ماڭا بېرەتتى.پات-پات قاچامنىڭ تېگىدىن مايلىق گۆشلەر چىقىپ قالاتتى.ياستۇقۇمنىڭ تېگىگە قىزىرىپ پىشقان توقاچلار،سامسا،گۆش گىردە...دېگەندەك يېمەكلىكلەر پەيدا بولۇپ قالاتتى.بۇ نەرسىلەرنى كىمنىڭ قۇيۇپ قويغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلىپ تۇراتتىم.كۆڭلۈم تۇياتتى.ئۇ مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى. ئۇ مېنى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغانلىقىم ئۈچۈن،ياكى قاملاشقان بوي بەستىم ئۈچۈن،ياكى ئۆزىنىڭ ساۋاتسىز قىز بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن..ياخشى كۆرەتتى.گەرچە ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردە،مەكتەپتە،سىنىپتا باشقىلارغا بىر توپ قوينىڭ ئارىسىدىكى ئۆچكىدەك غەلىتە،ئىسكەتسىز تەسىرات بەرسەممۇ، ھەممە يەردىن قوپاللىق،ئاچ ساۋاتسىزلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان بۇنداق يەردە مېنىڭدەك ياش ستودېنت ئەلۋەتتە باشقىچە چاقناپ تۇراتتىم.شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن پەقەت مۇشۇ ئاددى ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئۆزۈمچە ئەركىنلىشىپ،خۇشخۇيلىشىپ قالاتتىم.ھەتتا گۈلخاننىڭ ئوتتەك تەلپۈنۈشلىرىگە باشقىلار دىققەت قىلمىغان ۋاقىتتا مۇناسىپ جاۋاپ قايتۇراتتىم.كۆزۈمنى قىساتتىم.تاماق بېرىۋاتقاندا قوللىرىمنى ئەتەي ئۇنىڭغا تەگكۈزىۋالاتتىم.قازان بېشىغا كەلگەندە ئەتەي تىنىقلىرىمنى يېقىن ئەكىلەتتىم.ئۇ چۆچۈپ ئەتراپىغا ئىلدام قاراپ كېتەتتى،لالە كەبى قىزىراتتى.«ساراڭ!»دەپ ۋىلىقلاپ كۈلەتتى. ئۇنىڭغا يالغان سۆزلىسەممۇ،ئۇنى ئالدىساممۇ،چاق چاق قىلساممۇ سۆزلىرىمگە ئىشىنىۋېرەتتى.ئۇنىڭ ئاددى كاللىسى ئۆزىنى ياخشى كۆرگەن يىگىتنى ئۆزىدىن مەڭگۈ يۈز ئۆرىمەيدۇ،دەپ ئويلاتتى.ئۇ مۇھەببەت دېسە بېشى ئاينىپ قالىدىغان ئەخمەق قىزلارنىڭ تىپىك مىسالى بولالايتتى.ھالبۇكى، مېنىڭ بۇنداق نادان ۋە ساددا قىزلارنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىم پۈتۈنلەي مۈمكىن ئەمەس ئىدى.چۈنكى،نامراتلىق ئۇنىڭ ئاشۇ گۈزەل جىسمىدىكى ئەڭ چوڭ قارا كۆلەڭگە ئىدى.مەن بۇ قارا كۆلەڭگىنى ھەرۋاقىت سېزىپ تۇرالايتىم ۋە ھەرقانداق ئادەمدىنمۇ بەكرەك توغرا كۆرەلەيتىم.ھەم بۇ قارا كۆلەڭگىدىن ئۆلگىدەك نەپرەتلىنەتتىم.بىز ئىككىمىز ئوخشاش«قاراڭغۇلۇق»تا ياشاۋاتقان،ئەمما دەرىجىمىز ئوخشاشمايدىغان ئىككى خىل ئادەم ئىدۇق.مېنىڭ ئۇ سەۋەبلىك ئىشقا ئاشىدىغان ھېچقانداق ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىممۇ يوقتەك قىلاتتى. پەقەتلا ئۇ ماڭا بۇ يەردىكىلەردىن سەل ئالاھىدىراق تاماقلارنى بېرەتتى.مېنىڭ يېشىمدىكى ھەرقانداق ياشنىڭ قوساققا ئامراقلىقى راست.لېكىن قوساق ئۈچۈن ھېچ ئىش بىلمەيدىغان بىر قىزنىڭ ھېسىياتى بىلەن ئويناشسام قاملاشمايدۇ.مەن شۇنداق دەپ ئويلايتتىم،ھەم شۇنداق دەپ بەڭۋاشلىقىمنى تېزگىنلەشكە تىرىشاتتىم.ئەمما،شۇنداق بىر ئىشتىياق قەلبىمدە بار ئىدى،بەلكى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ ئىشتىياقىم كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇنى ھەرۋاقىت يېنىمدا كۆرسەم دەيتتىم،ئۇنىڭ ياش،ساغلام بەدىنىگە بىر ئەسەبىلىك بىلەن قاراپ كېتەتتىم،ھەتتا كېچىللىرى ئۇنى يالغۇز ئۇچرىتىپ قېلىشنىمۇ ئىزدەپ ئاللىقانداق تامالار بىلەن ئۇ تۇرىدىغان ئاشۇ ئۆيلەرنىڭ ئەتراپىدا يالغۇز ئايلىنىپ يۈرەتتىم.ئەجىبا،بۇ ياشلىق كۆڭلۈم تەلەپ قىلىۋاتقان ئىشىق ھەۋەس،شۇ چاققىچە باشقا قىزلار ئېتىبارسىز قويغان،ياراتمىغان يىگىتلىكىمنىڭ پارتىلاپ چىقىشىمۇ؟مەن ئەخمەق ئادەممۇ،تەبىئىتى يېنىك شاللاق ئادەممۇ ياكى ياۋۇزمۇ...بۇنى بىلمەيتىم.خىيالىم ئەنسىز،كۆڭلۈم قانائەتسىز،تاقەتسىز ئىدى. بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن قۇمۇش باسقان تەرەكتۇرلارنىڭ بىرىدە خوجايىننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن يېزا بازىرىدىن ئاشخانىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقتىم.نەرسە كېرەكلەرنى چۈشۈرۈپ،كەپەمگە كەتمەكچى بولىۋاتقاندا،قىز توختىتىۋالدى. ـــ بىردەم تۇرۇپ ماڭسىڭىز بولمامدۇ؟... جۇۋاۋا سېلىپ قويغان،پىشىپمۇ بولدى...بوۋام يېتىپ بولدى...داۋۇت ئاكام خوتۇنى بىلەن يۇرتتىن بۇ يەرگە ئىشلەشكە چىققانلارنى ئالغىلى ناھىيىگە كەتتى...ـــ دېدى ئۇ،ئۇچىسىدا يەنە ھېلىقى كەڭ كېلىپ قالغان تاۋار پىنجىكى بار ئىدى. سوغوقتا مۇزلاپ كەتكەن ئوماق لەۋلىرى سۇس تىترەيتتى. ماقۇل بولدۇم.قوسىقىممۇ ئېچىپ كەتكەندى.يەنە كېلىپ جۇۋاۋا يېيىش دېگەن كۆلدە كىملا كەلسە نېسىپ بولىۋېرىدىغان ئامەت ئەمەس ئىدى.سوغوقتا قۇلاقتەك تۈگۈلگەن بىر لېگەن جۇۋاۋىنى بىردەمدىلا يەۋەتتىم. ھەركىتىم تېز بولمىسا ئۇنىڭ بوۋىسى ياكى داۋۇتنىڭ كۆزىگە بۇ ھالدا چېلىقىپ قالسام بولمايتتى.مەن ھەرھالدا ئەقلىم بىلەن ئىش قىلالايتتىم.ھېلىمۇ شۇ كۈنلەردە داۋۇتنىڭ ماڭا بىر قىسما قارايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سېزەتتىم. ئۇنىڭدىن چۈچۈيتىم.ئۇ بەكلا كۈچلۈك،ئاچچىقى يامان تەرسا ئادەم ئىدى.مۇبادا،ئۇنىڭ ئاشۇ تۆمۈر بازغاندەك قاتتىق مۇشتىدىن بىرنىلا يەپ قالسام تۈگەشكىنىم شۇ ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭدىن نېرىراق بولۇشنى ئىزدەيدىغان،سىڭلىسىغا ئۇ بار ۋاقىتتا ھەتتا تىكمۇ قارىمايدىغان بولغانىدىم. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ قىش كۈنلىرىگە ئامال يوق.شۇنچە تېز بولساممۇ كەچ كىرىپ كەتتى.مېڭىش ئۈچۈن ئۇزاپ چىقتىم.گۈلخان ئىز بېسىپ كەينىمدىنلا يېتىشىپ چىقتى. شۇنچىلىك يېقىن ئارلىقتا كەينىمدىلا تۇراتتى.ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭغا ئۆزۈمچە قاراپ قاپتىمەن.ئۇنىڭ ماڭا تەلمۈرگەن كىچىك قارا كۆزلىرىدە لىغىرلاپ تۇرغان ياشلىرىنى، قىزىرىپ كەتكەن كىچىككىنە يۈزىنى كۆردۈم.ۋۇجۇدۇمنى بىر قىسمىلا ئەسەبىلىك چىرماشقا باشلىدى. ئۇنىڭ قاچانلاردا ھېلىقى كەڭ پىنجىكىنى سېلىۋەتكەنلىكىنى بىلمىدىم. ئۇچىسىدىكى قىزىل پوپايكىسى بىلەن كۆزلىرىمگە بىر پارچە ئوت بولۇپ كۆرۈندى. ئەتراپ قاپقاراڭغۇ ئىدى.يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى،قان تومۇرلۇرۇم كۆپىۋاتقاندەك،مىڭەم چىڭقىلاتتى.شۇ تاپتا ئوي پىكرىم بىرلا، يەنى قوزغالغان نەپسىمنى قاندۇرۇش ئىدى.ئىختىيارسىز ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ،نازۇك ۋۇجۇدىنى پەشلىرى ئوچۇق قوپال جۇۋامنىڭ ئىچىگە تارتتىم. قىزلارغىلا خاس بولغان ئىللىق تىنىقلار يۈزۈمگە ئۇرۇلدى.ئۇ ئاز تولا قارشىلىق كۆرسەتكەندەك قىلىپ قويۇپ تېزلا باغرىمغا ئۆزىنى ئاتتى... يۈزلىرىگە پىشانىللىرىگە،ئاخىرىدا نېپىز لەۋلىرىگە سۆيدۈم. ئۇ ھاسىراپ كەتتى.دەسلەپ «بۇنداق قىلماڭ»دەپ سۇس تىپىرلىدى،كېيىن ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىدى...خۇددى بىرى كۆرۈپ قالمىسۇن،دېگەندەك،بىر چاققانلىق بىلەن ئۆزىلا مېنى داۋۇتنىڭ ياندىكى ئايرىم ئىشىكلىك ئۆيىگە تارتتى.بىز قۇچاقلاشقان شۇ ھالىتىمىزدە ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق...ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق قالايمىقان،ئوت قالانمىغاچقا مۇزدەك سوۋۇپ كەتكەندى.لېكىن بىز قايناق شېرىن سۈيۈشۈشلەردە بۇلارنى زادىلا سەزمەيتتۇق... ئۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرمىزدا قەغەزگە يازسا مەنە چىقمايدىغان تەكرارلىغىلىمۇ،ئەستە تۇتقىلىمۇ بولمايدىغان ساددا پاراڭلار باشلاندى.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېسىمدە قالىغىنى ناھايىتى ئاز. ـــ نېمىشقا بۇنچە جاپالىق ئىشلەيسىز؟ ـــ دادام يوق.ئانامغا قاراشلىق ئىنى سىڭىللىرىم كۆپ.كىچىككىنە يەردن چىققان ھوسۇل ئۆيدىكىلەرنىڭ تويغۇدەك يېيىشىگىمۇ يەتمەيدۇ.ئىككى يىللىق ئوقۇش پۇلۇمنى تاپمىسام مەكتەپ قايتۇرۋېتىدۇ.شۇڭا جېنىم چىقىپ كەتسىمۇ بۇ پۇلنى چوقۇم تاپىمەن،بولمىسا تۈگىشىمەن! ـــ بەك جاپادا قالدىڭىز...ئوقۇيالمىسىڭىز...ئوغۇل بالىغا ئىش كەممۇ؟يەنە كېلىپ مەن بار... ـــ توۋا دەڭ ساراڭ قىز،مەن ئوقۇمىسام بولمايدۇ،مەن قارا ئىش قىلىدىغان ئادەم ئەمەس...بىلەمسىز؟مەن مەكتەپتىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى.خىزمەتكە چىقىپلىۋالسام كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان نى نى ئىشلارنى قىلىمەن،ھەرگىز ئاددى ئادەم بولۇپ ئۆتۈپ كەتمەيمەن.شۇڭا ئوقۇشۇمنى تاماملاش ئۈچۈن ھەرقانداق قىيىنچىلىققىمۇ ۋاھ دېمەيمەن.ئوقۇشۇمنى تاماملىيالمىسام...ئۆلگىنىم شۇ! يۈرىكىمدىكى گەپنى قىلدىم.مەن سىلەرگە ئوخشىمايمەن،مەن سىلەرگە ئوخشاش قارا ئىشلا قىلىدىغان ئادەم ئەمەس،دېگۈم كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ بۇنداق دېمىدىم.ئۇ دۇنيادا مەن ئېھتىيات قىلمايدىغان، ئالدىمايدىغان،ھەم ئالدىشىمنىڭ قىلچە زۆرۈريىتى بولمىغان بىردىن بىر قىز. ئۇنى ئۈمىتلەندۈرۈپ قويغۇم يوق.گېپىمنى ئاڭلاپ ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە شۈكلەپ كەتتى.ئىچىدە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقى ماڭا ئايان.ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى ئالمايدىغانلىقىمنى سېزىپ قالغاندى.بوينۇمغا چىرمىشىپ تۇرغان قوللىرى مۇزدەك سوغوق، بەدىنىدىن،چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىدىن ئادەمنىڭ كۆڭلىگە تېگىدىغان بىر قىسما پۇراق كېلىپ تۇراتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ يېنىدىن تېزرەك كېتىشنى ئويلاپ كەتتىم.بىر خىل ساپ بولمىغان كىشىنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان تۇيغۇ ئىچىمنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى،قىلىپ يۈرگەن ئىشىڭنى قارا...دېدىم ئۆزۈمگە.مۇبادا،ئۇ بۇ ئىشلارنى داۋۇتقا دەيدىغان بولسا...ئۇنى ئالماي قۇتۇلالمايمەن...يەنە ئوقۇيمەن دېگىنىم قۇرۇق گەپ...بىر تىيىن خەجلىمەيغۇ بىر خوتۇنلۇق بولۇپ قالىمەن،ئەمما پۈتۈن تەقدىرىم قىش كۈنلىرى مۇشۇنداق مۇز كۆلدە قۇمۇش ئورۇپ،يازلىقلىرى خەقلەرنىڭ مەدىكارلىقىنى قىلىشتا ئۆتىدۇ.يەنە تېخى نەچچە يىلدىلا بىرمۇنچە بالىلارنىڭ دادىسى بولۇپ كېتىدىغان گەپ...نېمە دېگەن نەسلىك ھە!بۇنداق ئادەملەرگە چېقىلىپ يۈرگەندېكىن مەن ھەقىقەتەن ساراڭكەنمەن... پۇشايمەن قىلدىم.مۇشۇنداقراق ۋاقىتتا،ھېچقانداق ئادەم كۆرمىگەندە دەرھال بۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىشىم كېرەك. شۇ تاپ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرىۋاتقىنى بىز ھەپتىگە قالمايلا بىر بىرىمىزدىن ئايرىلىمىز. ئۇنى مەڭگۈ كۆرمەيمەن. ھەر ئىككىمىز ھاياتنىڭ ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان باشقا باشقا يوللىرىدا ياشايمىز.ئۇ بەلكىم دەسلەپكى بىر ئىككى ئايدا مېنىڭدىن يەنىلا شىرىن مۇھەببەت تاما قىلىپ ياشار،مېنى ئۆزىنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدى،دەپ ساددىلارچە ئىشىنەر.ئارقىدىن مەندىن ھېچبىر خەت-خەۋەر بولمىغاندىن كېيىن، مېنىڭ ئۆزىنى سۆيگەن-سۆيمىگەنلىكىمدىن گۇمان قىلىپ،دەككە دۈككىگە چۈشەر.يەنە يېرىم يىلچە ۋاقىت شۇ ھالدا ئەنسىزچىلىك،تىت-تىتلىق ھەتتا پۇشايمان ئىچىدە ئۆتۈپ كېتەر...ئاخىرى،ئۇنىڭغىمۇ تەقدىرگە تەن بېرىدىغان شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ،ئۇ بۇ كۈندە ئادەم يوق بىر جاڭگالغا كىرىپ ۋاقىراپ،قاقشاپ ئاۋازى پۈتۈپ كەتكۈچە يىغلايدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن...ياشلىرىنى سۈرتۈپ ۋۇجۇدىدا مەن بىلەن پەيدا قىلغان ئاشۇ«گۇناھ»لارنى قانداق قىلىپ يۇشۇرۇپ كېتىشنىڭ غېمىنى قىلىدۇ...ھەرقانداق ساددا قىزلارمۇ يۈزى ئېچىلىپ كەتكەندىن كېيىن ھىيلىگەرلىشىپ كېتىدۇ،قانداق قىلىپ كەلگۈسى ئېرىنى ئالداپ كېتىشنىڭ،ئىس بۇسىنى چىقارماي ئەرگە تېگىۋېلىشنىڭ كويىغا كىرىدۇ،ۋە شۇنداق كۈنگە ئېرىشىدۇ.بۇ قىزمۇ شۇ،كېلەر يىلى مۇشۇ كۈندە ئۇ بەلكى ئۆزىگە تازا ماس كېلىدىغان،ساغلام بەستى،قارا كۈچىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق ئىشچان يىگىتتىن بىرىگە توي قىلىدۇ.«توينىڭ مىھرى ئىسسىق»دېگەن بۇ ھېكمەت بۇلارغا ئوخشاش ئاددى ئادەملەردە ھەقىقى مەنىسىنى تاپىدۇ.يەنە بىر يىل ئۆتكەندە ئۇ بىرىنچى بالىسىنى تۇغىدۇ،ئارقىدىن ئىككىنچىسىنى...كەمبەغەلنى بالا باسىدۇ،باينى مال...ھايات شۇنداق داۋاملىشىدۇ.تاشتىن قاتتىق يوقسۇزلۇق،مۇھتاجلىق،چۈچۈرىدەك ئۇششاق بالىلار...ئۇنىڭغا نىھات ئىسىملىك مېنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرىۋېتىدۇ،ئۇنىڭ«مۇھەببەت»دەپ كاللا قاتۇرغۇدەك ھېچقانداق ۋاختى بولمايدۇ...
3-قىسىم
ـــ نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز؟... ئۇ ئەقلىنى جورۇپ،ماڭا دۈمبىسىنى قىلىپ خۇيلىنىپ يېتىشىنى توختاتتى.بىچارە قىز!ئۇ ھىيلىگەرلىك قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقاندى.مېنى تاتلىق،شېرىن قۇچاقلاشلىرى،ئوتتەك قىزىق ھارارىتى بىلەن داۋاملىق باغلاپ تۇرۇشنى ئويلاۋاتاتتى.بەلكىم ئۇنىڭ چوڭ كوزىرى ئالدىدا.ئۇ ھەتتا،سېنىڭدىن بويۇمدا قالدى،دېيىشتىنمۇ يانمايدۇ.بۇلاردەك ئوقىماي،ئۈگەنمەي تۇرۇپمۇ توققۇز يېشىدىلا بالاغەتكە يېتىپ بولىدىغان قىزلارنى قانداقمۇ بوش چاغلىغىلى بولسۇن؟ئەگەر ئۇ راستلا يۈزى ئېچىلمىغان قىز بولسا بايا قورقماي ياتۋاش بىر ئەركىشىنى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە سۆرەپ كىرەلمەيتتى.مانا شۇ تاپتىمۇ خۇددى شۇنداق بولىشى كېرەكتەك نومۇس قىلماي چىرمىشىپ ياتىدۇ.بۇ ھەقىقەتەن زاكىسىدىلا قومىچىنى يەۋالغان نېمىدەك قىلىدۇ... ـــ قايتايمىكىن؟...رۇستەمكام بەك گۇمانخور...قايتىپ كېتەي،بۇنداق ياتساق ياخشى بولماس. شۇنداق دېدىم-دە،ئورنۇمدىن تۇرۇپلا كىيىملىرىمنى جىددى كىيىشكە باشلىدىم.مېنىڭ كىيىنىۋاتقانلىقىمنى كۆرۈپ ئۇمۇ ئاستا كىيىملىرىنى كىيدى.شۇنداق يېقىمسىز بىر كەيپىيات ئارىمىزدا پەيدا بولغاندى.ئىشىكتىن چىقىۋاتقىنىمدا ئۇ مەيدەمگە بېشىنى قۇيۇپ،قوللىرى بىلەن بوينۇمنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى...ئۇ يىغلاۋاتاتتى،ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلايتتى.ئۇنى بەزلىدىم.لېكىن ئۇ توختىماي يىغلاۋەردى.خۇددى شاختىكى يۇپۇرماقتەك،تىترەپ بىر ئېغىزمۇ سۆز قىلالمايتتى.ئىچىم ھېلى ئۇنداق ھېلى بۇنداق زىدىيەتلىك پىكىرلەردە قالغاندى.ھېچقاچان،ھېچقانداق قىز ماڭا بۇنچە ئەلەملىك يىغلىمىغاندى.شۇلارنى ئويلاپ، كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولۇپ كەتتىكى،«بولدى،يىغلىماڭ،مەن ئوغۇل بالا،قىلغان ئىشىمغا ئېگە بولىمەن،مېنى يەنە ئىككى يىل ساقلاڭ»دەۋەتكۈم كەلدى.لېكىن ئۇنداق دېسەم بولمايتتى.ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم،پەقەت ئۇنى توختىماي سۆيدۈم،تەسەللى بېرىش ئۈچۈن،ئۇنىڭ ئاۋازىنى توختىتىش ئۈچۈن،بىر تام ئايرىپلا تۇرغان ئاۋۇ ئۆيدىكى بوۋاينى ئويغۇتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن...مېھرىم بىلەن ئۇزاق باغرىمغا باستىم.ئۇنى ئۆزۈمدىن ئايرىغاندا ئۇ ئۆكسۈپ تۇرۇپ:«بىلىمەن...بىز بىللە بولالمايمىز..مەن،مېنى مەڭگۈ سۈيۈشىڭىزنى ئەمەس،مېنى مەڭگۈ ئۇنتىماسلىقىڭىزنىلا كۈتىمەن...»دېدى. ۋۇجۇدۇم شۇررىدە ئېرىپ كەتكەندەك بولدى.ئۇنىڭدەك ئاددى بىر قىزنىڭ ئاغزىدىن بۇنداق ئالىجاناب،كىتابى سۆزلەرنىڭ چىقىشىنى كۈتمىگەندىم.بايىقى ئويلىرىمدىن يۈزۈم قىزاردى. كۆڭلۈم بايىقىدىنمۇ،بەلكى ھەرقاچانىدىنمۇ يېرىم بولۇپ كەتتى. ئۇدۇللا كەپىمىزگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم.ئويلاپ باقسام مەن ئۇنىڭ ئاشۇ كېيىنكى ئۆتۈنۈشلىرىگە بىر ئېغىزمۇ ئىپادە بىلدۈرمەپتىمەن.پۈتۈن بەدىنىم ئېغىرلىشىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم... ئەتىسى ھاۋا بەكلا تۇتۇق،خۇددى ھېلىلا قار ياغىدىغاندەك ئاسمان بۇلۇتلۇق ئىدى.سوغوق ئۆتكۈزىۋالدىممۇ بىلمىدىم،ئەتتىگەندىن باشلاپلا پۈتۈن بەدىنىم جالاقلاپ تىترەپ.بېشىم ئېسىلىپ چىڭقىلىپ كېتىۋاتاتتى.ئاغرىپ قالغاندىم.شۇ تاپتا ئىسسىق كاڭدا يېتىپ،ئانام ئەتكەن بىر چېنە قىزىق ئۈگرىنى ئىچىپ،تەرلەپ بىر ئۇخلىۋالغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى ھە! ـــ داۋۇت دېگەن نەشىكەش خاماگۇدۇڭ يېتىپتۇ دە!كۈنلىكىنى پالانى پۇلغا ئېلىپ چىققان تەرەكتۇر تۇرسا بۇ! ئەمدى كىم ھەيدەيدۇ بۇنى؟مۇشۇنداق تۇتامسىز ئادەم نېمە قىلىدۇ باشتا غىت قىسماي!...ـــ ئىش بېشىمىز رۇستەمكامنىڭ كىمگىدۇر زەردە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.داۋۇت كەلمەي،ئۇ ھەيدىگەن تەرەكتۇر بىكار قالغاندى.بۇ سوغوقتا مۇزدەك قۇمۇش ئورۇشتىن تەرەكتۇر ھەيدىگەن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى.پۇلىمۇ بەلەن.شۇنداق ئويلاپ كەپىدىن ئالدىراپ چىقتىم. ـــ بۇ تەرەكتۇرنى مەن ھەيدەپ باقايمۇ؟ـــ دېدىم. ـــ ھەيدىيەلەمسەن؟مۇزدا تەرەكتۇر ھەيدەش دېگەن بوش ئىش ئەمەس بالاڭزا!ـــ دېدى ئۇ ئىشەنچسىزىك بىلەن ئۈستىباشلىرىمغا باشقىدىن قاراپ. ـــ ھەيدەيمەن،داۋۇت بىلەن ئالدىنقى ھەپتە قۇمۇش باسقاندا بىرنەچچە يول ئۆزۈم ھەيدىگەن،ئۆيدىمۇ دائىم ھەيدەيتىم. ـــ قېنى...لېكىن دىققەت قىل جۇمۇ ئۇكا،دائىم ماڭىدىغان يەرلەردە ماڭ،بىلىدىغانسەن؟ ـــ ھەئە...خاتىرجەم بولۇڭ رۇستەمكا! تەرەكتۇرنى ھەيدەپ مەتتۇسۇن بىلەن كۆلنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم، شۇ تۇرقۇمدا بېشىم يەنىلا چىڭقىلىپ ئاغرىپ تۇرىۋاتاتتى.باشقىلار تەرەكتۇرغا قۇمۇش بېسىۋاتقاندا ئازراق مۈگدەپ قاپتىمەن. ـــ ھوي،مۇشۇنداق مۈگدەپ ئولتۇرۇپ،بىزنى سۇغا تىقىۋەتمە جۇمۇ ئاداش، پوقۇڭغا بىز كەتمەيلى يەنە!ـــ نىياز شۇنداق دەپ چاق چاق قىلدى. ـــ قاغا پوق يېمەستە ئاغزىڭنى ئۈشتمىگېنە ۋاي!ـــ ئۇنى مەتتۇسۇن شۇنداق دەپ ئەدەپلىدى.نىياز خىرىلداپ كۈلۈپ،ئېگىز بېسىلغان قۇمۇشنىڭ ئۈستىگە مەتتۇسۇنغا ياندىشىپ جايلاشتى.ئۇلار شۇ ھالدا خېلىغىچە چاقچاقلىشىپ ماڭدى. ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. تۇرۇپلا شۇنداق قورقۇنچقا چۈشۈپ قالدىم. كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ باشقا تەرەكتۇرلار مېڭىپ ئىز سالغان مۇزلۇقنى بويلاپ ماڭدىم.قانچە ئېھتىيات قىلغانسېرى ماڭا خۇددى ھېلىلا بىر ئىش بولىدىغاندەك تۇيۇلۇپ كېتىۋاتاتتى.دەرۋەقە،كۆڭلۈم تۇيغان،ئەنسىرىگەن ئىشلار يۈز بەردى.تۇيمايلا قالدىم.«غاراس-غۇرۇس»«قاس-قۇس»...قىلغان دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن مەڭدەپ،نېمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرغۇچە ئۆزۈمنى سۇدا كۆردۈم.مۇز يېرىلىپ تەرەكتۇر بىلەنلا كۆلنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتتىم.سۆڭەككە يەتكەن ئاچچىق بىر سوغوق بېشىمنى تەڭ ئىككىگە بۆلىۋەتكەندەك ئاۋال سەزگۈلىرىم قاقشاپ كەتتى،ئاغزى بۇرنۇمغا تىقىلىۋاتقان مۇزدەك سۇدا ئۇلاپ كەلگىنى جېنىمغا تىكلا كېلىپ قالغان ئەجەلنىڭ ۋەھىمىسى بولدى.شىددەت بىلەن كۆلنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىۋاتاتتىم.كۆلگە كىرىپ كېتىۋاتقان يالغۇز مەن ئىدىم.مەتتۇسۇننى ياكى نىيازنى كۆرەلمىدىم. قۇمۇش ئورۇشقا چىققان تالاي يىگىتلەرنىڭ تېنى مۇشۇ تەگسىز دەپ قارالغان كۆلدە دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن،تالاي مۇساپىرلار بېلىققا يەم بولغان...جان جەھلىم بىلەن يۇلقۇنۇپ باقتىم.لېكىن پۇتۇممۇ ئۆزۈممۇ باغلاپ باغلام قۇمۇشلارنىڭ ئارىسىغا تىقىلىپ قالغان ئىدىم.ئۆلۈپتىمەن-دە...ئانامنى كۆرەلمىگۈدەكمەن...ئوقۇپ بوپتىمەن...ئاھ،تەغدىر... ئاغزى بۇرنۇمغا لىق سۇ تولدى...تىنالمىدىم،يۇلقۇنۇپ بىر غېرىچمۇ يۇقۇرىغا كۆتۈرۈلەلمىدىم.يەنە كېلىپ ئۈستۈمدىكى تېرى جۇۋا بارغانسىرى ئېغىرلاپ غايەت زور قورام تاشتەك مېنى كۆلنىڭ تېگىگە تېخىمۇ چۆكتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى.جۇۋىنى سېلىۋېتىشىم كېرەك،شۇندىلا ئۈستىگە بىر ئاماللاپ لەيلەپ چىقالايمەن. بار كۈچۈمنى يىغىپ جۇۋىنى ئۈستۈمدىن يەشتىم.جان جەھلىم بىلەن يۇقۇرىغا قاراپ ئۈزدۈم... ئاخىرى ھېچنېمىنى بىلمىدىم... كۆزۈمنى ئاچسام مۇزلۇقتا،قۇرۇپ كەتكەن قۇمۇشنىڭ ئۈستىدە يېتىپتىمەن.نېرىسىغىلا قاتتىق ئوتۇندا گۈلخان سېلىپ قويۇپتۇ.ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمنى قانداق چاغدا ئالماشتۇرۇپ قويۇشقىنىنى بىلمىدىم. مەتتۇسۇن بىلەن نىياز يەنە بىرقانچەيلەن بىلەن تەرەكتۇر چۈشۈپ كەتكەن كاچكۇلنىڭ بېشىدا بىرنىمىلەرنى دەپ تۇرۇپتۇ،بېشىم يېرىلىپ كېتىدىغاندەك لوقۇلداپ،ئىچ باغرىم گېلىمغىلا كەپلىشىپ قالغاندەك،بىردىنلا ياندۇرىۋەتتىم.نىياز كېلىپ غوللىرىمغا شاپلاقلىغاچ تاپا قىلىشقا باشلىدى. ـــ مۇزنىڭ يېرىلىۋاتقانلىقىنى بىز جېنمىزدا بىلىپ،ئۆزىمىزنى تاشلاشقا ئۈلگۈردۇق يۇ،سەن قاراپ تۇرۇپلا كىرىپ كەتتىڭا؟!مۇزدا تەرەكتۇر ھەيدەشنى بىلمەيدىكەنسەن ئەسلى،نەدىكى يەرلەردە مېڭىپ يۈرۈيدۇ دېسە... ـــ قوي،ئۆزى ياندۇرسۇن...ھېلىمۇ بايىنىڭزى جىق قىيناپ كەتتۇق ئۇنى!شۇ تاپ ياندۇرغىنى سېسىق زەرداپ!ـــ دېدى داۋۇت.ئۇنىڭ قاچانلاردا بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلمىدىم،ئىش بېشىمىز رۇستەمكاممۇ كېلىپ بولغاندى.ئۇ ھەر بىر گېپىدە داۋۇتقا تاپا قىلاتتى. تەرەكتۇرىنى كۆلگە تىقىپ قويۇپ،پۇل تېپىش تۈگۈل بىرمۇنچە زىيانغا يىقىلغانلىقى ئۇنىڭ ئوغىسىنى بەكلا قاينىتىۋەتكەن ئىدى. داۋۇت رۇستەمكامغا غىڭ قىلمىغىنى بىلەن ماڭا پات پات ئالىيىپ قارايتتى.بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئەمدىكى غېمى كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن تەرەكتۇرنى قانداق چىقىرىشتا قالغان ئىدى.مېنىڭ ئۆلۈپ كەتمەيدىغانلىقىمغا كۆزى يەتكەچكە شۇنداقمۇ، ئۇلار مېنى تامامەن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بىر قۇچاق قۇرۇق كۆتەكنى كۆتۈرۈپ گۈلخان كەلدى.كۆزى مېنىڭدە ئىدى. تاتىرىپ كەتكەن يۈزلىرىدە ئەنسىزلىك قېتىپ قالغان ئىدى.ئۇنى كۆرۈپ خۇددى ئەڭ يېقىن كىشىمنى كۆرگەندەك ئۆمچىيىپ كەتتىم. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ـــ ھەرنىم بولسا... ساق قالدىڭىز،مانا ئوبدانلا بوپ قالدىڭىز...ھېلىمۇ تەرەكتۇر قۇمۇش يىلتىزىدا تۇرۇپ قاپتۇ،بولمىسا.....ـــ ئۇ شۇنداق دېگەچ كۇرۇشكىدىن قايناقسۇ قۇيۇپ ماڭا تەڭلىدى،ـــ ئىسسىپ قالىسىز،ئىچىۋېلىڭ... ـــ چاي قۇيۇپ بەرگىنە!...ـــ داۋۇت بار ئاچچىقىنى گۈلخاندىن چىقىرىدىغاندەك،ئۇنى قوپال توۋلاپ قالدى. ـــ مانا ھازىر...ـــ گۈلخان ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ،شۇنداق غۇدۇڭشىپ قويدى. ـــ يېلىڭ كىيىنىۋاپسىز...ـــ پىچىرلاپ دېگۈدەك شۇنداق دېدىم.ئۇنىڭ ئۇچىسىدا كونىراپ ئىسسىقى قالمىغان،سىيرىتمىسى بۇزۇق مامۇق چاپان بار ئىدى.ئاخشام ماڭا ئوت بولۇپ كۈرۈنگەن ھېلىقى قىزىل پوپايكىسىنىڭ رەڭگى بەكلا ئۆڭۈپ كەتكەن ئىدى. ـــ سىز ئىسسىسىڭىز مەنمۇ ئىسسىپ قالىمەن،ــ دېدى ئۇ يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ،تۇمشۇقى بىلەن مېنىڭ ئۇچامنى شەرەتلەپ قويدى ۋە داۋۇتنىڭ يېنىغا كەتتى. كىيىملىرىمگە قارىدىم.ئۈستۈمگە راستلا ئۇنىڭ ھېلىقى تاۋار پىنجىكى يوتقاننىڭ ئىچىدىن يېپىپ قۇيۇلغان ئىدى.ئاشۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز پۇلۇم ئېسىمگە كەلدى!پۇلۇم ئېسىمگە كېلىشى بىلەن خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك،پۈتۈن بەدىنىمگە بىر ئاچچىق تارقاپ،يۈرىكىم يېرىلىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتتىم.بايا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالغىلى تۇرغاندا،جۇۋامنى سېلىپ تاشلاپ بىر ئاينىڭ ياقى،جېنىمنى ئالقىنىمغا ئېلىپ قويۇپ تاپقان ئۈچ مىڭ كوي پۇلۇمنىمۇ سۇغا غەرق قىلىۋەتكەن ئىدىم!...تىت-تىتلىق،چەكسىز جىددىچىلىك ئىچىدە ئۈستۈمدىكى كىيىملىرىمنى سىيلاپ كەتتىم،ماڭا يېپىپ قويغان ماز پاختىللىرى چۇۋۇلۇپ تۇرغان كونا يوتقاننى ئىرغىتىپ يانغا تاشلىۋەتتىم.،پۇل يوق،پۇل يوق!...ئاھ ... ئۆل نىھات!ئۆل ئەمدى!ئوقۇپمۇ بولدۇڭ....قارا تەقدىر...ۋاقىراپ جاقىراپ،ئۆزۈمنى كاچاتلاپ، بايا چۈشۈپ كەتكەن كاچكۇلغا ئۆزۈمنى قايتا ئېتىشىم قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالغان يەنە ئاشۇ ۋاقىتتا، قولۇمغا مونەكلا بىر نەرسە ئۇرۇندى.بۇ ئېنىقلا پۇل!مېنىڭ پۇلۇم!...جىددى ھالدا مونەكنى تارتىپ چىقتىم،راستلا پۇل...ئالما ئۇرىغى تاۋار ياغلىققا چىڭ تۈگۈلگەن پۇل!...بەش مىڭ كويدىنمۇ جىقراق...مەن بۇ پۇلنى گۈلخاننىڭ ماڭا يېپىپ قويغان تاۋار پىنجىكىنىڭ يانچۇقىدىن تارتىپ چىققانىدىم... كۆزلىرىمنى ئالاق-جالاق قىلىپ تەرەكتۇر كىرىپ كەتكەن يېرىق مۇزنىڭ تېگىگە قاراپ ئاللىقانداق ئىشلار بىلەن بەنت بولۇپ كەتكەن ئۈچ ئەركىشىگە،ئۇلارغا قىزىق چاي بېرىۋاتقان گۈلخاننىڭ سوغوقتىن دۈگدىيىپ كەتكەن ئورۇق تېنىگە ھاڭۋاقتىلاردەكلا قاراپ كېتىپتىمەن...قانداق قىلىش كېرەك؟بۇ پۇل...بۇ پۇلنى ئېلىش كېرەك!.ئەلۋەتتە ئېلىش كېرەك تە!...كۆلنىڭ تېگى قانداق تېز ئاقىدۇ ھە؟مېنىڭ پۇلۇم جايىدا ئېگىسىنى ساقلاپ ھەرگىزمۇ تۇرمايدۇ،ئۇ ئاللىبۇرۇن ئېقىپ نە-نەلەرگە كېتىپ بولدى!... بۇ پۇل مېنىڭ بولمىسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇلار داشۆدە ئوقۇمتى يا؟!بۇنداق ئاددى ئادەملەرگە بۇنچە جىق پۇلنىڭ نېمە كېرىكى؟!ھېچ بولمىغاندا ماڭا كېرەك بولغاندەك كېرەك ئەمەس!شۇنداق، ئاناممۇ ئۆتىۋاتىدىغۇ...تالاي تالاي ئادەملەر مۇشۇنداق پۇلسىز ئۆتىدۇ... بىر تىيىنى بولمىسىمۇ كېچىللىرى ناخشا ئېيتىپ،كۈندۈزلىرى قوساققۇ ئىشلەپ جېنىنى باقىدۇ. بىر كۈنلەردە تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.... مەن قانداقسىگە بۇلاردەك ياشىيالاي؟قانداقسىگە كۆز ئالدىمغىلا كېلىپ قالغان ئىستىقبالىمدىن ۋاز كېچەي؟تەقدىر مەن تەرەپتە،ئۇ،مېنى پۇلنى ئال،ئوقۇ،ھېچنېمىگە پەرۋا قىلما،بۇلارغا ۋاقىت دېگەن كەڭ،بەدىنى ساغلام،ئىشلەپ يۈرۈپ يەنە بىر يەرلەردىن ئۆزىگە رىزىق تاپىدۇ،دەۋاتىدۇ... پۇلنى ئاللىبۇرۇن ئىشتىنىمنىڭ يانچۇقىغا تىقىپ بولدۇم...چۆرۈپ تاشلىۋەتكەن يوتقىنىمنىمۇ بايىقىدەك،بەلكى يۈزۈمنى ئېتىپ تېخىمۇ چۈمكىۋالدىم. ئاغرىقلىرىممۇ يوق،توڭلاشلىرىممۇ يوق...پەقەت مىڭەمنىڭ ئىچىدە كۈرمىڭلىغان ئېزىتقۇ بار.«توغرا بولدى!توغرا بولدى...سەندەك ئاددى بىچارە ئوقۇغۇچى بۇنداق چوڭ زىياننى كۆتۈرەلمەيسەن!توغرا بولدى!...»ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەنتەنىگە چۈشۈپ كەتكەن.ئەمما چىرايىم ئۆلۈكلەردەك قېتىپ قالغان ئىدى. ـــ بىر ئىش بولدىمۇ؟چىرايىڭىز ئۆمسىلە...ـــ دېدى گۈلخان. ـــ ھېچ ئىش يوق...ـــ «توڭلاۋاتىمەن»دەپ باھانە قىلغۇم بار ئىدى،لېكىن دېيەلمىدىم.ئۇنىڭ ئېسىگە تاۋار پىنجىكنى سالماسلىقىم كېرەك.ئىچىمدىكى ئېزىتقۇلارنىڭ پۈتۈن زېھنى ئېچىلىپ كەتكەن.شۇ تاپ ئۇلار قانداق قىلىپ بۇ پۇلنى ئېلىپ غىپپىدە ئۆيگە تىكىۋېتىشنىڭ پىلانىغا چۈشۈپ كەتكەن. «مۇشۇ قىزىپ كەتكەنچە،مۇشۇ ئوڭشىلالمىغانچە يېتىۋال! ھېلىلا كەت!قۇمۇش باسقان باشقا تەرەكتۇرلارغا چىقىپ ھېچيەردە توختاپمۇ قالماي ئۇدۇللا مەكتىۋىڭگە كەت!ئۇلار ھېچكىممۇ سېنىڭ پۇلۇڭنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكىنى،يوقىغانلىقىنى بىلمىدى،ھەتتا گۈلخانمۇ...بۇ يەردەپۇلىنى يۈتتۈرۈپ قويىدىغنلار،ئوغۇرىغا بېرىپ قويىدىغانلار يالغۇز گۈلخانمۇ؟شۇ داۋۇتمۇ ئوغۇرىدىن قورقمىسا تاپقان تەرگىنىنى ئۇنتۇغاق خوتۇنىغا ئەمەس،گۈلخانگە ساقلاتماستى؟شۇنداق،پۇلنى سېنىڭ ئالغانلىقىڭنى ھېچكىم كۆرمىدى...ئاران بىر يىل قالغاندا،شۇنچە پۇلنى تېپىپ بولغاندا،پۇلۇم ئېقىپ كېتىپتۇ،دېگەنمۇ گەپمۇ؟ئوغۇل بالا دېگەن ئىككىلىنىپ تۇرىدىغان چاغدا ئىككىلىنىشى،لېكىن ھەل قىلغۇچ يەرگە كەلگەندە ئازراق قارا قورساقمۇ بولىشى كېرەك…»
4-قىسىم
ئوغۇل بالا دېگەن ئىككىلىنىپ تۇرىدىغان چاغدا ئىككىلىنىشى،لېكىن ھەل قىلغۇچ يەرگە كەلگەندە ئازراق قارا قورساقمۇ بولىشى كېرەك…» ـــ يەنە چاي ئىچەمسىز؟... ـــ ياق...تەرەكتۇردىن بىرىگە چىقىپ بولسىمۇ كېتىۋالسام بولاتتى...بەك بىئارام بوپ كېتىۋاتىمەن. ـــ شۇ ئەمەسمۇ...ناھيىگە يېتىۋالسىڭىزلا بولاتتى.بىرسى ھەمراھ بولسا ياخشىراق بولاتتى... رۇستەمكام تەرەكتۇر چۈشۈپ كەتتى دەپ خوجايىنغا تېلېفۇن قىپتىكەن،ئۆزى كېلەلمەيدىكەن.لېكىن سىزنى دوختۇرغا ئاپىرىش ئۈچۈن شوپۇرى كېلىدىكەن. كىچىك ماشىنىسدىلا كېتىۋېلىڭ.تەرەكتۇر سوغوق... شوپۇر تېزرەك كەلسە بوپتىكەن!بېشىمنى چۈمكەپ يېتىۋالدىم.بايا ئىسسىقلىق بەرگەن تاۋار پىنجىك ماڭا ئەمدى چوغ يېپىنچىدەك،بەدەنلىرىمنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى.نېمە بولسا بولسۇن...ھەر قېتىم ئوقۇش پۇلۇمنى تۆلىيەلمەي ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدا ئىزا نومۇستىن ئۆلگۈدەك بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى،بىر توقاچ ئېلىپ يىيەلماي ئاچ يېتىپ كېتىدىغانلىقىمنى ئۇنتىماسلىقىم كېرەك. ئاشۇ ئازاب ۋە خورلۇقلارنى تارتماسلىق ئۈچۈن،بالىلارنىڭ ئالدىدا بېشىمنى تىك تۇتۇش ئۈچۈن،ئەڭ مۇھىمى كەلگۈسىم ئۈچۈن... چىدىشىم كېرەك.ھاياتىمدا بىر قېتىم ئوغۇرى بولسام،ئالدامچى بولسام نېمە بوپتۇ؟بۇ يولنى تاللىماسلىققا مەندە باشقا ئامال بارمۇ؟يوق!شۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھسىزمەن!گۈلخانگە،داۋتتەك نادانلارغا تايانماي تۇرۇپ قانداقمۇ تەقدىرنىڭ قارا قۇلىدىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولسۇن!شۇنداق،بۇنچىلىك پۇل گۈلخان ۋە داۋۇتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرالمىغىنى بىلەن مېنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.ئىستىقبالىم ئۈچۈن داغدام يول ئاچىدۇ.دېمەك،مەن بۇ پۇلغا بۇ يەردىكى ھەرقانداق ئادەمدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىقمەن!...بىچارە گۈلخان...مېنىڭدىن رەنجىمە،ئامالىم يوق،بىلسەڭ،مەن سەندىمۇ ئۆتە بىچارە...لېكىن ساڭا ئوخشاش ئاجىز ۋە نادان ئەمەس... ـــ كەلدى،كەلدى!..ـــ كىچىك ماشىنا يېنىمىزغىلا كېلىپ قالدى.گۈلخان مېنىڭ ئىسسىق ماشىنىدا ئۇدۇللا بازارغا،دوختۇرخانىغا بارالايدىغانلىقىمدىن قالتىس خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.بىچارە،ئاق كۆڭۈل قىز!ئۇ بىر ئائىلە كىشىللىرىنىڭ ئىككى ئايغا يېقىن ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىنى ئۆزى ئىككى قوللاپ ماڭا تۇتقۇزۇپ قويغانلىقىنى ئەسلا يادىغا كەلتۈرۈپ باقمايدۇ!نېمە دېگەن نومۇسسىز نىھات سەن ھە...كەيپىياتىم شۇنچىلىك زىدىيەتلىك،شۇنچىلىك مۇجمەل...ماشىنىغا چىقىپ ئارقا ئورۇندۇققا جايلىشىۋالدىم. مەتتۇرسۇننىڭ،نىيازنىڭ،داۋۇتنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنىمۇ تازا زېھنىمغا ئالالمايۋاتاتتىم.كۆزلىرىم تاۋار پىنجىكنى ھېچقانداق گۇمانسىزلا ئۈستىگە كىيىۋېلىۋاتقان گۈلخانگىلا قادىلىپ قالدى...بىچارە ئادەملەر...نادان ئادەملەر...سىلەر كۆزلىرىڭلارنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ قېرىندىشىڭلارنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلاپ كېتىۋاتقان بىر ئوغىرىنى يولغا سېلىپ قويدۇڭلار...تەقدىر شۇنداق ئورۇنلاشتۇرىۋاتقان تۇرسا نېمە ئامال؟ھەممىمىزنىڭ كۆرىدىغىنىمىز،كۆرگۈلىكىمىز بار.خۇددى يايلاقنى باسقان قارا بوراندەك ھەممىمىزنىڭ بېشىغا ھەر خىل كۈنلەر كېلىدۇ ۋە ئۆتۈپ كېتىدۇ.ئەمما بوراندىن كېيىنكى مەۋجۇتلىقىمىز ئوخشاش بولمايدۇ.تەقدىر ئالى مەكتەپنىڭ ئىشىكىنى مەن ئۈچۈن ئېچىپ بەرگەن ئىكەن،ئۇنى ئەلۋەتتە بىر ئاماللاپ يېپىۋەتمەيدۇ...شۇنى ئۇنتىماسلىقىم كېرەككى،دۇنيادا لاپ ئۇرىدىغانلار چاڭقىغاندا سۇ بېرىدىغانلاردىن كۆپ بولىدۇ. قەيسەر ئادەملەرگە ئىلھام بېرىدىغانلار كۆپ بولغىنى بىلەن،ئاجىزلارنى يۆلەپ تۇرغۇزىدىغانلار ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. بايا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا يۈز بەرگەن بۇ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەرنى پەقەت «تەقدىرنىڭ بۇيرىغىنى» دېگەن سۆز بىلەنلا ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. گۈلخانگە ئاخىرقى قېتىم قارىدىم.لەۋلىرى نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولغاندەك ئۆمچىيىپ كەتتى.كۆزلىرىدىن غىررىدە ئىككى تامچە ياش سىيرىلىپ چۈشتى...كۆزۈمنى دەرھال ئېلىپ قاچتىم، بۇ كۆزلەرگە يەنە بىر رەت قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم... يازغۇچىلار نامرات قىزلارنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتىنى خاتىمە قىسمىدا تەسۋىرلىگەندە، دائىم ئاق ئاتقا مىنگەن شاھزادە ئۇلارنى ئالغان، خانىش قىلغان،يۇرت سورىغان قىلىپ تەسۋىرلەپ،ئوقۇرمەننى قالتىس خۇش قىلىۋېتىدۇ.ھالبۇكى،تۇرمۇش ھېچقاچان ئۇنداق رومانتىك،خۇش قىلارلىق ئەمەس.رېئال تۇرمۇشتا نامرات قىزغا قاراپ كېلىدىغىنى كەتمەن تۇتقان نامرات ئەركەك! مانا بۇ ھەقىقەت... ماشىنا قوزغالدى.كەينىمگىمۇ قارىيالمىدىم...قۇمۇش كەپىدىن نەرسە كېرەكلىرىمنى ئېلىپ ماشىنىغا چىقىۋاتقاندا كۆرۈشتىن،ئاڭلاشتىن ئەڭ ئەڭ قورقۇپ تۇرغان ئاشۇ مەنزىرىنى يەنىلا كۆرۈپ قالدىم. قايسى يۈزۈم بىلەن،قايسى تىلىم بىلەن ئېيتاي؟...داۋۇت شىددەت بىلەن ئېتىلىپ بېرىپ گۈلخاننىڭ يۈزىگە بىر مۇشت سالدى.گۈلخاننىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىيالمىدىم.پەقەت داۋۇت تېخىمۇ ئەسەبىلىشىپ ئۇنى ئارقا ئارقىدىن،قارا قويۇق تېپىپ،دەسسەپ كەتتى... ـــ قانداقسىگە يۈتۈپ كېتىدۇ؟!قانداقسىگە؟!ـــ داۋۇتنىڭ ئاۋازى گويا گۈلدۈرمامىدەك گۈرۈلدەپ، قۇمۇشلۇقنى بىرلا ئالدى،ھەرقانداق گاس ئادەممۇ ئاڭلىيالماي قالمىغۇدەك سۈر سېلىپ ۋاقىراپ جاقىرىدى،ـــ نەدە يۈتتى!نەدە دەۋاتىمەن؟!...بازاردا ساڭا بىرسى سوۋۇتۇپ قويۇپتىكەنمۇ؟نېمە دەپ بارغانتىڭ پاسكىنا؟...ئەمدى تەرەكتۇرنى قايسى پۇلغا تارتىپ چىقىرىمەن؟!ھۇ كالۋا ئېشەك!مۇشۇنداق مەستانىغىمۇ ساقلاتقىلى بېرەمدۇ كىشى!ئۆل!...ئۆل!!! ياندىكىلەر يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا چۈشتى. گۈلخاننىڭ بىردەمدىلا قانغا بويىلىپ كەتكەن يۈز كۆزلىرىنى كۆردۈم.ئۇنىڭ مۇشت تېپىكلەر ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ماڭا تەلمۈرۈپ قارىغانلىقىنىمۇ ئېنىق كۆردۈم... ـــ ما تەلۋە نېمىش قىلىۋاتىدۇ؟...كىچىككىنە قىزۋالىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيامدۇ نېمە؟...پۇلى يۈتۈپ كېتىپتۇما؟ـــ شوپۇرنىڭ شۇنداق دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ بىر ئېغىز زۇۋان سۈرەلمىدىم. ئۇر ئۇرغا قېلىشقا تېگىشلىك ئوغۇرى مەن تۇرسام ئۇلار گۈلخاننى دۇمبالاۋاتاتتى.ساراڭ رېئاللىق... ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدا ئوڭدىسىغا يېتىۋالدىم.شۇنداق قىلسام گۈلخاننىڭ كۆزلىرى مېنى كۆرەلمەيتتى.مەنمۇ ئۇلارنى،گۈلخاننى كۆرمەيتتىم...بېشىمنى چاپىنىمغا ئورىۋالدىم.ياشلىرىم تۈكۈلۈپ كەتتى. ـــ ئا بەڭگى،پۇلىنى كىچىككىنە قىزۋالىغا تۇتقۇزۇپ قويغۇچە ئۆزى ساقلىسا بولمامدۇ؟ئۆلتۈرىۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ...ھەي ...جاپاسى ئاز كەلگەندەك...ئالدىرىماي ئىزدەپ باقمامدۇ؟قارا تەلۋە...ـــ شوپۇر بىرنىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشۇپ،رولغا ئولتۇردى...ئاخىرى ئوڭغۇل دوڭغۇل شېغىللىق يولنى تۈگىتىپ،كەڭ ئاسفالىت يولغا چىقىۋالدۇق. خۈدۈكسىرەش ۋە جىنايى تۇيغۇ ئىچىدە،يۈرىكىم تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلاپ كەتكەندى.ئاسمان بېتى شۇنچىلىك سەتلىشىپ كەتكەن ئىدىكى،قاپ قارا سۈررەڭ بۇلۇتلار ھېلىلا بېشىمىزغا چۈشىدىغاندەك،قۇياشنى تېخىمۇ نۇرسىز ۋە ھارارەتسىز قىلىۋەتكەندى.دوختۇخانىغىمۇ بارغىلى ئۇنماي،ئۆيۈمنىڭ دەرۋازىسىنى تاراقلىتىۋاتقاندا ھاۋا تېخىمۇ تۇتۇلۇپ غازنىڭ پېيىدەك قار ئۇچقۇنداشقا باشلىدى.ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە قارغا پۈركۈنۈپ،لەپىلدەپ چۈشىۋاتقان قار پەردىسى ئىچىدە چۆگىلىمەكتە ئىدى. ئاشۇ كېچە ئاپام ئېتىپ بەرگەن چۆچۈرىنى ئىچىپ،قىزىق كاڭدا راسا بىر ئۇخلىۋالماقچى بولدۇم.ھەرقانداق ئىشلارمۇ بىر ئۇيقۇ بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.ئوقۇشۇم پۈتكەندە گۈلخاننى ئىزدەرمەن،پۇلىنى ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرەرمەن،ئەپۇ سورارمەن،ھەتتا ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ھامىي بولۇپ بىر چوڭ ياخشىلىقمۇ قىلارمەن... شۇ چاغقا بارغاندا بىر گەپ بولار...بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ ئىش،مەن ئۇنىڭدىن بىخەتەر قۇتۇلدۇم، ئۇ يەردىن كەتتىم،پۇلمۇ تاپتىم،كۆڭلۈمگە پۈككەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ئورۇنلاندى. بۇ تۇيغۇ ئادەمنى قانداق خۇش قىلىدۇ ھە!شۇنداق ئويلاپ تۇرساممۇ يۈرىكىم لازا قۇيغاندەك ئارامسىزلىنىپ،ئۇ كېچە زادىلا ئۇخلىيالمىدىم.داۋۇت،گۈلخان،مەتتۇسۇن،نىياز،قۇمۇش كۆل...ئاشۇ سوغوق كېچە،مۇزدەك كۆل سۈيى... خۇددى بىر توپ ھەرىدەك كۆز ئالدىمدىن كەتمەي،بىرى يۈتسە يەنە بىرى ئېتىلىپ كېلەتتى،ھەممىسىدە بىردىن نەشتەر بار ئىدى. ئاخىرى تاڭ ئاتتى.كۆڭلۈممۇ تىنجىدى.ئەينەككە قارىسام ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن ئازابلىق كېچە نەتىجىسىدە يۈزۈم تاتىرىپتۇ.لېكىن قىزارغان كۆزلىرىم،مەغرۇر ۋە رەھىمسىز چاقناۋېتىپتۇ.ئۆزۈمدىن مىننەتدار بولدۇم.پۇلنى سانىسام نەق يەتتە مىڭ يۈئەن چىقتى،بۇ مېنىڭ پۇلۇم،مەن مۇزنىڭ ئۈستىدە يېتىپ،قوپۇپ،قۇمۇش ئورۇپ تاپقان پۇل! ئەمدى ئوقۇش،تۇرمۇش پۇلۇمدىن غەم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق... دەرۋەقە،ئوقۇشۇمنى ئوڭۇشلۇق تۈگەتتىم.گۈلخان ــ خاتىرەمدە ئۆمۈر بويى ئاشۇ مۇشت تېپىكلەر ئارىسىدا،تاياق يەۋاتقان ھالىتىدە ساقلىنىپ قالدى.بېشىنى تۇتىۋالغان كىچىككىنە قوللىرى،قانغا بويالغان يۈزلىرى،ئاپپاق كالپۇكلىرى،ياشقا لىققىدە تولۇپ چەكچىيىپ كەتكەن كۆزلىرى...ئۇنى شۇ ھالدا چۈشلىرىمدە تولا كۆرىمەن.نېمىشقا ئۇنى شۇ چاغدا يۈگۈرۈپ بېرىپ داۋۇتنىڭ مۇشت تېپىكلىرى ئارىسىدىن تارتىپ چىقمىغاندىمەن؟ئالە،پۇلۇڭ مەندە،بۇ،مەن سۆيگەن قىز،دېمىگەندېمەن؟...بەزى كۈنلىرى شۇنى ئويلىسام يۈرىكىم ئۆتمەس پىچاقتا كېسىلىۋاتقاندەك پۇچۇلۇنۇپ كېتىمەن. خىزمەتكە چىققان ئۈچىنچى يىلى ھېچ ئويلىمىغاندا نىيازنى ئۇچرىتىپ قالدىم.چاندۇرماي داۋۇتنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلدىم،ھالبۇكى،«گۈلخان»دەپ ئېغىزىمدىن ئاشۇ ئىسىمنىمۇ چىقىرالمىدىم. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ـــ سىڭلىسى پۇلنىڭ ھەممىنى يۈتتۈرۈپتۇ،دېمەمسەن؟بازاردا ئوغۇرىغا بېرىپتۇ.پۇلنى يۈتتۈرۈپ تاياقنىمۇ ئارمانسىز يەۋالدى بىچارە...داۋۇتنى بىلىسەن تەلۋە،قارام!نەچچىمىز تۇتۇپمۇ تۇتۇپ بولالمىدۇق.گۈلخاننىڭ قۇلىقىنىڭ تۈۋىگىلا دەسسىۋەتتى،قۇلاقتىن قان سىرغىپ چىقتى،گۈلخان بىر چىقىراپلا ھۇشىدىن كەتتى،مەنغۇ ئۆلدىمىكىن دېگەنتىم.قۇلاق دېگەن نازۇك يەر تۇرسا...لېكىن ئۇنداق بولماپتۇ.خوتۇن كىشىنىڭ جېنىمۇ چىڭ بولىدىكەن.بىر چاغدا يەنە ئۆملەپ قوپۇپ، دەلدەڭشىگىنىچە مېڭىپ كەتتى. داۋۇت يەنە ئېتىلىپ ئۇرىمەن، ئۆلتۈرىمەن، دەپ يۈرىدۇ، بىز تۇتىۋالدۇق...گۈلخان شۇ كەتكەنچە كەتتى،كۆلگە لاقا-لۇقىللىرىنى ئالغىلىمۇ كەلمىدى،داۋۇتنىڭ دادىسىنى بولسىمۇ ئارىغا چۈشەر دېگەنتۇق،نەدىكىنى،بوۋاي گۈلخاننى:«بوينۇڭ قاتلىشىپ،سوغوقتا مۇزلاپ ئۆلەرسەن،پۇلنى ئوغۇرىغا بەرگۈچە جېنىڭنى بەرسەڭ بولمامدۇ؟»دەپ مىڭنى قارغىدى.بىز تولا ئەيىبلىگەچكە خىجىل بولدىمۇ،داۋۇت گۈلخاننى يۇرتقا كېتىپتۇ،ئانىسىنىڭ يېنىدا،دەپ ئاغزىمىزنى ئەتتى...راست يۇرتىغا كەتتىمۇ،يا شۇ چىقىپ كەتكەنچە توڭلاپ ئۆلدىمۇ،بىلمىدۇق.ھېچكىم گۈلخاننى كۆرگەن يوق. ياندۇرقى يىلى داۋۇت بىز بىلەن يەنە بىللە ئىشلىدى. لېكىن تولا نەشە چېكىۋېلىپ،لاۋ بەن ئىشتىن قوغلىۋەتتى... نىياز بىلەن خوشلىشىپ يۇلۇمغا ماڭدىم.گۈلخاننى قايتا ئۇچرىتىپ قېلىشىم پۈتۈنلەي مۈمكىن بولمايدىغان ئىشقا ئۆزگىرىپ قالغان بولسىمۇ،بىراق كۆڭلۈمگە ئارام بەرمەيدىغان،يۈرىكىمدىن چىقىرىپ تاشلىغىلى بولمايدىغان بىر خىل تىت تىتلىق مېنى گۈلخان بىلەن داۋۇتنىڭ ئىز دېرىكىنى داۋاملىق قىلىپ بېقىشقا قىستايتتى. كۈنلىرىم دەسلەپ شۇ ھالدا ئۆتتى.كېيىنكى كۈنلەردە بەكلا ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.ئۆتمۈشنى،گۈلخاننى ئويلاشقا ئۇنچە جىق ۋاختىممۇ يوق ئىدى.ھازىرقى كۈنلىرىم بىلەن ئاسمان زىمىن پەرقلىق ئاشۇ مۇزنىڭ ئۈستىدىكى ھاياتىمنى ھەر بىر ئېسىمگە ئالغىنىمدا،شۇ ئىشلارنىڭ ئەمىلىيەتتە يۈز بەرگىنىگە ئۆزۈممۇ ئاران ئىشىنىدىغان بولۇپ قالدىم.ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئىنكار قىلغۇم ۋە ئۇلارغا كۆز يۇمغۇم كېلەتتى. لېكىن ئۇ ئىشلار راستلا يۈز بەرگەن ئىدى.مەن قانداق قىلىپمۇ ئۆزۈمنىڭ،قارام كۈچىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق مۇساپىرلارنىڭ قان تەر بەدىلىگە ئىشلەپ تاپقان پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغانلىقىمنى،شۇ سەۋەبلىك ئۇلارنىڭ پۈتۈن تۇرمۇشى،بولۇپمۇ گۈلخاننى ۋەيران قىلغانلىقىمنى ئۇنتىيالمايتتىم. شۇنچە بايلىقتا،باياشاتلىقتا،ھوقۇق سەلتەنەتتە تۇرۇپمۇ بەزى كۈنلىرى كۆڭلۈم چىداپ بولمايدىغان پەرىشانلىقتا يۈرەتتىم.نېمە ئۈچۈن گۈلخان ئاشۇ پۇلنى مېنىڭ ئالغىنىمنى داۋۇتقا دېمەيدۇ؟ئۇ پۇلنى بازاردا ئوغۇرى ئالدى، دەپ نېمىشقا يالغان ئېيتىدۇ؟ئۇ پۇلنى مېنىڭ ئېلىپ كەتكنلىكىمنى ئەلۋەتتە بىلدى،شۇنداق تۇرۇپ مېنى نېمىشقا پاش قىلمايدۇ؟ھېچ بولمىغاندا،كەينىمدىن بىر قېتىم بولسىمۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىڭ،دەپ ئىزدەپ كەلمەيدۇ؟...ئۇ مېنىڭ قايسى مەكتەپ قايسى سىنىپ ھەتتا قايسى ئۆيدە تۇرىغىنىمدىن تارتىپ ھەممىنى بىلەتتىغۇ؟...دەپ دائىم ئۆزۈمدىن سورايتتىم.ئەمما سۇئاللىرىم جاۋاپسىز، ئۆزۈم شۇ غەشلىكتىن زادىلا قۇتۇلالمايتتىم.قانداقتۇر كۆزگە كۈرۈنمەس بىر ئۆتكۈر پىچاق ھامان بوينۇمغا تېرىلىپ تۇرغاندەك مېنى دائىم سۈر بېسىپ كېتەتتى...ئېنىقكى،ئاشۇ چاغدا گۈلخاننىڭ ماڭا ئىچى ئاغرىپ قالغان.دېۋەڭ قىز ئۆزىنىڭ سۆيگۈگە تېز تەسلىم بولىدىغان ئاجىزلىقى سەۋەبلىك ئۆمۈرلىك بەختسىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىيالمىغاندى! ھاياتلىقتا ئۆزىمىز سەۋەبلىك كېلىپ چىققان نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنى ئۆزگەرتىشكە،ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئامالسىزمىز.مەن پۇلنى سېلىپ قۇمۇشلۇقتىن قېچىپ دېگۈدەك كەتكەندىلا،ئوڭشاشقا،ئۆزگەرتىشكە ھېچقانداق ئىمكانىيەت بولمىغان بىر خاتالىقنى سادىر قىلىپ بولغان.قايتىپ كەتسەمچۇ،گۇناھىمنى تونىسامچۇ...دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈنلا دېيىلگەن گەپلەر.قايتىپ كەتسەم،پۇلنى داۋۇتنىڭ قولىغا تۇتقۇزسام قانداق بولاتتى، ئۇلار ئەلۋەتتە مېنى كەچۈرمەيتى،مېنى ئۇدۇللا ساقچىغا تۇتۇپ بەرمىگەندىمۇ،يۈزلىرىمگە تۈكۈرۈپ،ياقامدىن سىلكىپ،شۇنچە كىشىلەرنىڭ ئالدىدا بىر تىيىنگە ئالغۇسىز قىلىۋېتەتتى.گۈلخان ماڭا ئاشۇنداق«قۇربانلىق»نى بېرىشنى ئۆزى خالىغانكەن،نېمىشقا ئۇنى قۇبۇل قىلمىغۇدكمەن؟...مەن ئۇنچە ئالىجاناب ئەمەس. نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كەتتى.نۇرغۇن نەرسىلەرگە،پۇل،ھوقۇق،ئابرۇي،ئىناۋەت...كە ئېرىشتىم.ھەرقانداق قاتمال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندىمۇ بەل قويىۋەتمىدىم، قاقشىمىدىم، چېكىنمىدىم. ئىنسان ئەنە شۇنداق تەۋرەنمەس ئىشەنچكە تولغاندا، ئۆزىنى يۇقۇرى ۋە يۈكسەكلىكتە تونىيالىغاندىلا ئاندىن ھاياتنىڭ ئادىل ھۆكمىگە ئېرىشىدىكەن.ھاياتلىقتا مانا بۇ ھەقىقەتنى بىلگەنلەر بەكمۇ ئاز،شۇڭا بىزدە بايلاردىن كەمبەغەللەر كۆپ.ئۇتۇق قازانغانلاردىن مەغلۇبىيەتچىلەر كۆپ.
5-قىسىم
گۈلخانگە ئاچچىق بىلەن قارىدىم. ئۇ نېمىتى؟ كىم ئىدى؟ پەقەت بىر ۋەيرانە ئاققۇن...ھالبۇكى، مۇشۇ ۋەيرانە ئايالنىڭ شۇ تاپتا ئېرىشكەنلىرىم، بارلىق تاجى تەختىم، دۆلىتىم، قول ئىلكىمدە تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىدە ھەققى بار،مېنىڭ ئېرىشكەنلىرىم ئۇنىڭ رىسقىسىدىن شىلىۋېلىنغان! ئاھ تەغدىر...ئۆز ۋاختىدا مېنى نېمە دەپ بۇلارنىڭ ئىچىگە تاشلىدىڭ؟خۇددى تېنچ بۇلاققا تاشلىغان تاشتەك،مەن ئۇلارنىڭ تېنچلىقىنى بۇزدۇم،بەختىنى ۋەيران قىلدىم. شۇنىسى ئېنىقكى، خۇددى شۇ تاشتەك ئۆزۈممۇ نەپسانىيەتچىلىكنىڭ تەگسىز دېڭىزىغا چۆكۈپ كەتتىم.ئاشۇ كۈندىن باشلاپ يۈرىكىم ئالىجاناپ،ئاق كۆڭۈل،سەمىمى سوقۇشتىن قالدى...تالاي قېتىم ئوغۇرلۇق قىلدىم،خىيانەت قىلدىم،پۈكۈلدۈم ۋە باشقىلارنىمۇ پۈكتۈم.ئەمما ھەرۋاقىت مۇزدەك كۆلنىڭ تېگىدە تۇنجۇقۇپ كېتىۋاتقاندەك،قۇمۇشلۇقتىن كېلىدىغان سوغوق شامال تەنلىرىمگە نەشتەر بولۇپ سانجىلىۋاتقاندەك، ئاسمانمۇ،يەرمۇ قاپىقىنى تۈرىۋالغان ۋەيرانە بىر مەنزىرە ئىچىدە تەمتىرەپ يۈردۈم. بىر قىزغا ھەقىقى كۆڭلۈمنى بېرەلمەي،ئىشەنچ قىلالماي،بىر ئىللىق چىرايغا،بىر سەمىمى قەلبكە تەشنا بولۇپ كۆلدىكى يالغۇز قۇمۇشتەك يىگانە ياشىدىم.نېمە ئۈچۈن شۇنداق ياشىدىم؟نېمە ئۈچۈن ئىچ ئىچىمدىن خوشال بولالمىدىم؟... ئويلاپ باقسام تاكى شۇ يېشىمغىچە بىرەر ئايالغا «سىزنى ياخشى كۆرىمەن»دەپ باقماپتىمەن.ئاشۇ چاغدىمۇ،گۈلخاننى قۇچاقلاپ ياتقاندىمۇ شۇنداق سۆزلەرنى دېمىگەندىم.مۇبادا،ھازىر شۇنداق دېسەمچۇ؟...تۇرۇپلا ئالدىمدىكى بۇ ۋەيرانە ئايالغا شۇنداق دېگۈم،يىغلىغۇم كېلىپ كەتتى. روھىم ئاجىزلىدى،ئەقىلدىن ئازدىم.بىر تەخىرسىزلىك ئىچىدە، گۈلخاننىڭ قورۇلۇپ،سۇسىز مىۋىگە ئوخشاپ قالغان قاتاڭغۇر يۈزىگە،ئۆزۈمگە يەنە بىر رەت قارىدىم.مۇشۇ ئايالغا ھە؟...يۈرىكىم مۇزلاپ كەتتى. قانداقمۇ شۇنداق قىلغىلى بولسۇن؟بىر ۋەيرانە،گاس،ھەتتا ئەقلى ھۇشى جايىدا بولمىغان ئايالغا؟ شۇ ھالدا بىراۋ مېنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قالسا كۆرۈڭ.بېشىمنى قاتتىق سىلكىۋەتتىم.دۇنيادا ھەممە ئادەملەر ئەقلىدىن ئازغاندىمۇ مەن ئازسام بولماس! كەيپىياتىم شۇنداق يامانلاشتى.دېرىزىنى ئېچىۋەتتىم.شامال ئوتتەك يانغان بېشىمنى سەگىتتى.ئەمىلى بولۇش،مېنىڭ پىرىنسىپىم.ھۇشۇمنى يىغىپ ھازىرقى ئەھۋالىمنى ئويلىدىم.ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەردە ئۆزۈم پەيدا قىلغان سەھۋەنلىكلەرنى ھەرقانداق قىلىپمۇ ئەسلىگە ئەكىلەلمەيمەن.گۈلخاننى غېرىب قىلىپ قويغانلىقىم، نابۇت قىلغانلىقىم سەۋەبلىك باغرىمغا ئېلىشىم تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس.يەنە كېلىپ ئۇنى ئۆيۈمدە خانىشلارنى كۈتكەندەك كۈتۈپ باغرىمغا ئېلىپ ئىللىتساممۇ،ئۇ يەنىلا ئاشۇ ياشلىق چاغلىرىغا قايتالمايدۇ،مېنى سۆيگەن گۈلخانگە ئۆزگىرەلمەيدۇ،مەجرۇھ بولغان قۇلىقى ئەسلىگە كەلمەيدۇ... شۇنداق ئىكەن،ماڭا يەنە نېمە ھەسرەت؟رىياللىقتىن چەتنىگە خىياللارنى قىلىش دېگەن ئەخمەقلەرنىڭ ئىشىغۇ ئاخىر!قوي،بولدى...ئۆتمۈشكە تەۋە خام خىياللىرىڭ،ئۇھسىنىشلىرىڭ، ئىرادەڭنى بەربارت قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.بىزدە كىمنىڭ قانداق كۈندە يۈرىشىنى،يۈرىدىغانلىقىنى تەقدىر پۈتىۋەتكەن دېگەن گەپ بار.تەغدىر ئۇنى جاپاكەش قىلىپ پۈتكەن ئىكەن.ئۇنىڭغا ئامال يوق،جاپاكشلەر ئاسانلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن ناھايىتى تېزلا كۆتۈرىلىپ كېتىدۇ. ئۆتمۈش خۇددى لىپىلداپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سىرتتىكى مەنزىرىگە ئوخشايدۇ، بىز بايا ئۆتكەن،يېشىللىققا پۈركۈنگەن بوستان مەھەللە،مانا نەچچە ئون كىلومېتىر ئۇزاپ كېتىۋىدۇق، كۆزىمىزگە قاغجىراپ كەتكەن تۈتەكلىك دالا بولۇپ كۆرۈندى.ئۇنى ئەمدى قايتا كۆرەلمەيمىز. قۇياش تۇمان ئارىسىدا بىر سېرىق داغدەك كۆرۈنەتتى.ئاچچاق شامال ۋىژىلداپ،چاچلىرىمنى ھەريان ئۇچۇرماقتا.ئادەملەر توڭلۇشۇپ سوغوقنى چىللاپ كىرىۋاتقان ماڭا ھومۇيۇپ قاراشماقتا،پەقەت مۇشۇ گۈلخانلا ماڭا قارىمىدى.ئۇ نېمىشقا ماڭا قارىمايدۇ؟ئۇ ئەسلى مېنىڭدىن ياخشىلىق كۈتىشى،مېنىڭ بايلىقىمدىن ئۆزىگە نىجاتلىق تەمە قىلىشى،ھەتتا ياقامغا ئېسىلىپ،پۇلۇمنى قايتۇر،سېنىڭ دەردىڭدە مانا مۇشۇنداق گاس،بەختسىز،يوقسۇز بولۇپ قالدىم،دەپ،ئالەمنى مالەم قىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ئۇنىڭ شۇنداق سالاھىيىتى بار ئىدىغۇ؟...ئۇ نېمىشقا يەنە شۇنداق خاتىرجەم،شۇنداق ۋەزمىن،گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك،مېنى زادىلا تونىمايدىغاندەك ئولتۇرىۋېرىدۇ؟ مۇھتاجلىقتا يۈرىۋېرىپ كاللىسىدىن كەتتىمۇ يە؟...ئەمما،ئۇنىڭ سىرتقا قارىغان كۆزلىرىدە چوڭقۇر بىر مۇڭ ۋە ئويچانلىق بار...ھەتتا بايىقى دەلدۈشلۈكمۇ يوق ...مەن زادى ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى كۈتىۋاتىمەن؟ھېلى ئۇنىڭ مېنى تونىۋېلىشىدىن، ئەينى چاغدىكى ئاشۇ يۈزسىزلىكىم ئۈچۈن ھېساپ ئېلىشىدىن،بىشەم كوچا خوتۇنلىرىدەك خەقنىڭ ئالدىدا چاۋامنى چىتقا يېيىۋېتىشىدىن قورقىمەن.مېنى تونىمىسىكەن،ئۇنتۇپ كەتسىكەن،ساراڭ بولۇپ قالسىكەن دەپ تىت-تىت بولىمەن...ھېلى،يەنە مېنى تونىۋېلىشىنى، كۆزلىرىمگە تىك قاراپ پۇلۇمنى بېرەمسەن؟دېيىشىنى كۈتىمەن.ئارزۇ قىلىمەن.ئۇنىڭ قارىمايۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولىمەن...مۇشۇنداق قاملاشمىغان ۋاقىتتا بىر ساۋاقدېشىمنىڭ خاتىرىسىگە:«سېنى كۈتىمەن،كەلمىسىكەن دەپ كۈتىمەن»دەپ يېزىۋالغانلىقىنى ئويلاپ قاپتىمەن.ئۇ چاغدا نېمانچە پەلىپەتىش گەپتۇ بۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.ئۇ ساۋاقدېشىممۇ شۇنداقراق گالدا گۇلدۇڭ بالا ئىدى.ئەمدى ئويلاپ باقسام ئادەملەردە ھەقىقەتەن غەلىتە،ياكى ئىنتايىن مۇرەككەپ روھى ھالەتلەر بولغاچقا مۇشۇنداق پەلىپەتىشتەك كۆرۈنىدىغان سۆزلەر پەيدا بولىدىكەن... ـــ چۈشەمسىلە؟...ـــ بوۋاي جەينىكى بىلەن گۈلخاننى قوپال نوقۇدى.گۈلخان ئېرىگە لەپپىدە بىرنى قاراپ،چۈشمەيمەن دېگەندەك يەڭگىل باش چايقىپ قويدى-دە، دېرىزىدىن كەڭ كەتكەن سايغا قاراپ ئولتۇرىۋەردى. شۇ چاغدىلا شوپۇرنىڭ ماشىنىنى توختۇتۇپ،يولۇچىلارنى ھاجەت قىلىۋېلىشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى.گۈلخان مىدىر سىدىر قىلماي شۇ ھالىتىدە ئولتۇراتتى.مەنمۇ ئىزىمدىن مىدىرمىدىم. ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرىدىغان بۇنىڭدىنمۇ ياخشى پۇرسەت بولمايتتى.«زادى قانداق قىلاي؟...ئۇنىڭغا نېمىلەرنى قىلىپ بېرىمەن؟نېمىلەرنى دەرمەن؟مەن نىھات...دېسەم ئۇ نېمە دەر؟قايسى نىھات دېسە،مەن،سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئورۇرلىۋالغان نىھات مەن شۇ،دەمدىم؟...نېمانچە كۈلكىلىك،بالىلارچە خىياللار بۇ ھە؟...ئارقىدىن،بۇ پۇلنى خەجلەڭ، قەرزىمنى قايتۇرغىنىم بوپ قالسۇن،دېسەم...ئۇ غىڭ قىلماي پۇلنى ئالسا...ئاپتۇبۇستىكى مېنى بىلىدىغانلار چىقىپ قالماستا ئاچچىق ئىككى ئېغىز گەپ قىلىۋالسا...مەيلى ئىدى.لېكىىن ئۇنداق قىلمىسىچۇ؟مېنى تونىمىغان بولسا،مەن تونۇشلۇق بېرىپ قويۇپ،جىم ياتقان يىلاننى قوزغاپ قويغاندەك ئىش يۈز بەرمەمدۇ؟بۇنداق ئادەملەر نېمە ئىشلارنى قىلمايدۇ؟نامراتلىق ئادەملەرنى پەسلەشتۈرۋېتىدۇ،دەيدىغان ئاشۇ ئاق مەريەم.قانداق قىلسام ئىچىمدىكى تىت تىتلىقنى نېرى قوغلىيالايمەن؟مىڭەمدە پىقىراپ تۇرغان تۈرلۈك تۈمەن خىياللارنىڭ بىرى بولسىمۇ كارغا كەلسە كاشكى!بۇنداق نەتىجىسىز ئولتۇرىۋەرگەننىڭ نېمە پايدىسى؟بۇنداق ئۇھسىنىپ ئولتۇرۇشۇم،ئۇنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرسە ئۆستۈرىدۇكى،ماڭا قىلچىلىك پايدىسى بولمايدۇ...ساراڭ ئادەم،بۇنداق يالاڭ گەدەنلەرنىڭ پۇتىغا خىش قويغىلى بولامدىغان؟دەرھال چۈشۈپ كەت،ئۇ سېنى تونىمىغان گەپ!بولمىسا ئاللىبۇرۇن قول تەڭلەپ،يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئالدىڭدا تۇراتتى! ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ئورۇنۇمدىن تىرىڭڭىدە تۇرۇپ كەتتىم،ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۈركىشىپ دېگۈدەك يېنىدىن ئۆتتۈم،ماشىنىدىن چۈشىۋاتقاندا،ئىختىيارسىز قايرىلىپ ئۇنىڭغا يەنە بىر رەت قارىدىم.يۈرىكىم جىغغىدە قىلىپ كەتتى،ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ماڭا ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش يالتىراپ تۇرغاندەك،ئۈنسىز سۇئال سوراپ تۇرغاندەك، لەۋلىرى ھېلىلا پاڭڭىدە يىغلىۋېتىدىغاندەك سېزىلىپ كەتتى.بۇ مەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان خىيالىرىمدا،چۈشلىرىمدە تالاي كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئاشۇ گۈلخان ئەمەسمۇ؟ ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ،دەپ كېتىدىكەن ئادەملەر،تۈفى،نەدىكىنى! ۋاقىت،زامان ئۇنىڭ چىرايىنى قېرىتىپ،تونۇغۇسىز قىلىۋەتكەن بىلەن ئاشۇ ساددا كۆزلىرىنى،تەلمۈرۈپ قاراشلىرىنى ئۆچۈرۋەتمەپتۇ! چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان،نېمە قىلىش كېرەكلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان بىر گاراڭلىق،خىجالەتچىلىك ئىچىدە،ئۇنىڭغا چەكچىيىپ ئىزىمدا قېتىپ دېگۈدەك تۇرۇپ قالدىم. دېمەك،ئۇنى مېنى تونىمىدى،دېگىنىم قۇرۇق گەپ! كىشى ھەرقانچە كارغا كەلمەيدىغان دەرىجىدە دېۋەڭلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قانداقسىگە ئۆز ھاياتىنى،بارلىقى ۋە ئىپپىتىنى ۋەيران قىلغان ئەبلەخ ئادەمنى تونىيالماي قالسۇن؟ ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتىم، شۇ پېتى تۇرىۋېرىشىم،بارلىق ئىش ھەركىتىمگە زەڭ قۇيۇپ تۇرىۋاتقان شۇنچىۋالا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا،ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ،مېنى كەچۈرۈڭ،دېيىشىم مۈمكىن ئەمەس... ماڭا گەپ قىلغۇسى كېلىپ،ئاغزىنى ئۆمەللەپ،چىرايىدىن خوشامەتچىلىك ياغدۇرۇپ تۇرغان بىرنەچچە ئادەملەرگىمۇ پۇرسەت بەرمەي،قاپىقىمنى تۈرۈپ،نېرىدا يالغۇز تۇرىۋالدىم.ئىچ-ئىچىمدىن ئۆرلەپ كېلىۋاتقان پىغانىمنى باسالمايلا قالغاندىم.تاماكىنى تۇتقان قوللىرىم دىرىلدەپ تىترەپ،ئىچىمدىكى تىت تىتلىقنى ئاشكارىلاپ تۇراتتى. «يېنىمغا كەل،يېنىمغا كەل...يەنە ئىككى سائەتكە قالمايلا بۇ يول ئاياقلىشىدۇ،مېنى ئەبەدكە كۆرەلمەيسەن.پۇشايمان قىلىسەن...مەن غالىب يارالغان،غالىبلارنىڭ،مەغلۇبىيەتچىلەرگە پۈكۈلگىنى نەدە بار؟ كەلگىن دە،ئۆز ۋاختىدا سېنىڭ يانچۇقۇڭنى،يۈرىكىڭنى قۇرۇغداپ قويغىنىمدەك،سەنمۇ پورتمالىمدىكى ھەممە نېمىنى ئال،پۇل،كارتا،چەك...ھەممىسى سېنىڭ...ھەتتا زەئىپلەشكەن بۇ يۈرەكمۇ سېنىڭ...كۆرگەنلەر ھەيران قالسۇن،سېنى كاللىسىدىن كېتىپتۇ،دېسۇن،پۇلغا مۇھتاجكەن،باينى تونىۋالدى،دېيىشسۇن.مېنىڭ بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەي،سېنىڭ پۇللىرىمنى ئېلىپ كېتىشىڭگە قاراپ تۇرغىنىمنى كەڭ قورساقلىق،سېخىيلىق،دەپ مەدھىيىلىسۇن... »دەيتىم ئىچىمدە. «ساڭا نېمىلا قىلسام ئەرزىيسەن، سەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ ھالقىلىق پەيتىدە،ماڭا ئاجايىب ئالىجاناپلىق كۆرسەتكەن مىسلىسىز ياخشى ئىنسانسەن.ئەپسۇس،مېنىڭ ساڭا جاۋابىم،يامانلىق قىلىش،سېنىڭ«قىز»لىق تېنىڭنى،قىزلىق نامىڭنى بۇلغاش بولدى.سېنى قىز دېسە قىز ئەمەس،ئايال دېسە ئايال ئەمەس بۇلغانغانلارنىڭ سېپىگە ھېچقانداق ئىككىلىنىپ قالمايلا ئىتتىرىۋەتتىم.بۇنداق ئۆزگىرىش ۋە يوقۇتىشنىڭ سەھرالىق ساڭا ئوخشاش بىر نادان قىزغا قانداق تەسىر بېرىدىغانلىقىنى،قانداق بەختسىزلىكنىڭ سېنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.مەندە بۇلارنى ھېس قىلغۇدەك ئەقىل ۋە كۆز ئەلۋەتتە بار ئىدى،ئەمما مەن ئۇنى تەن ئالمىدىم،ئويلاشنى خالىمىدىم.ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك،قىلىپ ئاكاڭنىڭ ئامانىتى بىلەن سېنىڭ ئەجىر ھالاۋىتىڭنىمۇ ئوغۇرلاپ مېڭىشىمچۇ؟قانداق ئادالەتسىزلىك قىلدىم ساڭا ھە؟...شۇ تاپ كەلگىنىڭچە كېلىپ،يۈزلىرىمگە تۈكۈرسەڭ،مېنى خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلساڭ،پورتمالىمنى يۇلۇپ ئېلىپ،ئىچىدىكى پۇللارنى مېنىڭ،دەپ چۆنتىكىڭگە سالساڭ نېمە بولىدۇ؟سەن پۇخادىن چىقاتتىڭ،مەنمۇ پۇخادىن چىقاتتىم.ئاندىن يۈرىكىمنى پۇچۇلاپ تۇرغان ئاشۇ چوغ ئەبەدى ئۆچەتتى.ئۆزۈم خۇددى ساڭا ئوخشاش تېنچلىنىپ قالغان بولاتتىم...» «مېنى ئۇنتۇپ كەتتى دەمسەن؟ياق،ئۇ ئىشلارنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسۇن؟ئاشۇ كېچىدە ناھايىتى سىرلىق،ناھايىتى خۇپىيانە ھەتتا ئادەم خىجىل بولغۇدەك ئەمما ئەسكە چۈشكەندە يۈرەك ۋىژىلدىغۇدەك ئىشلار يۈز بەردى. ئۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.شۇ چاغدا نېمىشقا ساڭا بىر ئېغىز مىننەتدار بولغانلىقىمنى دېمىدىم؟ يۈرىكىمدىن چىقىرىپ تۇرۇپ بىر ئېغىز كەچۈرۈم سورىمىدىم؟ پۈتكۈل ھاياتىمنى تەقدىرىمنى قولۇڭدا تۇتۇپ تۇرغان ئادەمنىڭ سەن ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ تۇرۇپ،نېمىشقا نەگە كەتكەنلىكىڭنى،نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىڭنى پەقەتلا سۈرۈشتۈرۈپ باقمىدىم؟...» «تەغدىر مۆجىزە دەيدىغان نەرسەڭ يوقمۇ؟...ئاشۇ يىللارغا،ئاشۇ يىگىتلىكىمگە،ئاشۇ قۇمۇش كۆلگە قايتىپ كەتسەم،گۈلخانغا باشقىدىن قارىغان بولسام،ئۇنى پايخان قىلمىغان بولسام،ئۇنى تاشلاپ قاچمىغان بولسام...نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!...ئاھ،مەن ئەسلى ئاشۇ كېچىدە،ئاشۇ قۇمۇشلۇقتا ھەقىقى مۇھەببەتكە ئېرىشىپتىكەنمەن،بۇ مۇھەببەتنىڭ يۈرىكىمگە مۆھۈر بۇلۇپ ئۇيۇلغانلىقىنى سەزمەپتىكەنمەن...» يۇلۇچىلار شوپۇرنىڭ ئالدىرتىشى بىلەن يەنە ماشىنىغا چىقىشتى.خۇددى ئالۋاستى چىرمىۋالغاندەك بىر خىل تەقەززالىق ئىچىدە ئورنۇمغا كەلدىم.گۈلخان ئىزىدىن مىدىرلىمىغاندى.بايىقى ھالىتىدە يەنىلا سىرتقا قاراپ جىممىدە ئولتۇراتتى.
6-قىسىم
گۈلخان ئىزىدىن مىدىرلىمىغاندى.بايىقى ھالىتىدە يەنىلا سىرتقا قاراپ جىممىدە ئولتۇراتتى. ـــ شەنجاڭ،شاپتۇل يەپ باقسىلا...ـــ بىرى سۈپسۈزۈك شاپتۇلدىن بىر ئوچۇم چاڭگاللاپ ئالدىمغا كەلدى.ئۇنىڭ خوشامەتچىلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدە مايلىشاڭغۇ،ئەلەس شولىلار خۇددى ھىيلىگەر ئادەمدەك ئۇيان-بۇيان غىلدىرلايتتى. ـــ بولدى،يىمەي...رەھمەت... ـــ ئەمىسە بۇنىڭدىن ئىچىپ باقسىلا...يەرلىكلەر ئىشلىگەن ئىچىملىككەن،ساپ... بىرمۇنچە كىشىلەر شۇنچە خالىمىغانلىقىمغا قارىماي،ماڭا ھەدېسىلا گەپ تاشلايتتى.ئېغىزىمدىن جىقراق گەپلەرنى ئاڭلىۋېلىشنى،شۇ باھانىدا مەن بىلەن چوڭقۇرراق تونۇشۇۋېلىشنى،قولۇم ئارقىلىق بىجىرەلمەي يۈرىۋاتقان، ئاللىقانداق ھاجەتلىرىدىن چىقىۋېلىشنى ئىزدەيتتى. ئەپسۇس، مېنىڭ ئۇلارغا قارىغۇدەكمۇ ھالىم يوق ئىدى،كاللام ھەريان بولغاچ،تاققا تۇقۇ سۆزلەپ،ئۇلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قۇيۇشتىن ئېھتىيات قىلىپ،ئوشۇق گەپ قىلمايتتىم. گۈلخان ئەتراپىمدا يۈز بېرىۋاتقان خوشامەتلەرگە قارىتا يەنىلا شۇنداق ئىنكاسسىز.ھېسىياتسىز...نېمە دېگەن قاملاشمىغان مەنزىرە بۇ ھە؟مۇزدەك سوغوق بىر نەرسە يەنە يۈرىكىمنى قاماللىۋالدى.تۇرۇپلا خۇرۇجۇم يەنە ئۆرلەشكە باشلىدى.مەن غالىب يارالغان،ھېچقانداق نەرسىگە بوي ئەگمەيمەن،ھېچقانداق نەرسىگە!بۇ ئايالنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغان بولسام نېمە بوپتۇ؟يەتتە مىڭ كوي ئەمەس،يەتتە مىليۇن پۇلنى ئالدىغا قويسىمۇ بۇنداق ياۋاش ئادەملەرنىڭ قولىدىن قانچىلىك ئىشلار كېلەتتى؟شۇنچە يىللار مەن مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ، بايلارنىڭ، كارخانىچى، تىجارەتچى،ھۆكۈمەت خىزمەتچىللىرى...نىڭ ماڭا بويسۇنىشىنى،مېنى سۆيۈشىنى مېنىڭدىن قورقۇشىنى،ماڭا سادىق بولىشىغا كۆنۈپ كەتتىم.ماڭا ئۆرۈلۈپمۇ قارىمايدىغانغا سەن نېمىچىتىڭ شۇنچە؟! گەدىنىڭ نېمە دېگەن قاتتىق!قېنى يامان بولساڭ مېنى ئوغۇرى،بۇلاڭچى،ۋاپاسىز دەپ توۋلاپ باققىنە؟بۇ يەردە شۇنداق ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىدىغان بىر ئادەم تاپالامسەنكىن؟ھەتتا يېنىڭدا ئولتۇرغان ئېرىڭ جېنىدىمۇ ئىشەنمەيدۇ،سېنى ئېلىشىپ قالغانغا چىقىرىپ،ماڭا تىل تەگكۈزگىنىڭگە ئەپۇلار سوراپ،سېنى ئۇدۇللا ساراڭلار ساناتوريەسىگە ئاپىرىۋەتمىگىنىنى مەن بىر كۆرەي! قانداقسىگە كاللام ئىششىپ قالغاندەك،ساپلا گادايلار ئولتۇرىدىغان مۇشۇنداق ئەبگا ئاپتۇبۇسقا چىقىپ قالدىم ھە؟ئىچىم پۇشۇپ كەتتى!شۇمۇ ئىشمۇ؟شۇنداقمۇ خىيال قىلغان بارمۇ؟نېمانچە ئويلاپ كېتىمەن بۇ خوتۇننى؟قوي نىھات!ئەنسىرىمە،بۇلارنىڭ ياقاڭغا ئېسىلىش ئەمەس،ساڭا تىك تۇرۇپ قارىغۇدەكمۇ ماغدۇرى،ئەقلى يوق!پۇل بەرگىن،يېنىڭدىكى يىگىرمە مىڭ يۈئەن پۇلنىڭ ھەممىنى ئىئانە بەر!خوتۇنىڭىزنى داۋالىتىۋېلىڭ!دەپ بوۋاينىڭ قولىغا بىر تۇتقۇزۇپ باققىنا قېنى!كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ رەھمەت،دېمىگىنىنى مەن بىر كۆرەي!شۇ چاغدا،ئاپتۇبۇستىكى ھەممە ئادەمنىڭ ھۆرمىتى ئىچىگە كۆمۈلۈپ كېتىسەن.مانا بۇنى«زىخمۇ،كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسۇل»دەيمىز!نېمانچە بالىلاردەك خىياللارنى قىلىسەن؟سەن دېگەن تونۇلغان ئەرباپ!چوقۇم بۇ سالاھىيىتىڭنى ساقلىشىڭ،قوغدىشىڭ كېرەك. ـــ خوتۇنىڭىزنى داۋالىتىدىغانغا قانچە پۇل كېتىدىكەن؟ـــ ئالدىمدا ماڭا گەپ قىلىۋاتقانلارغا ۋە ماڭا مەنىسىز ھىجىيىپ،ئولتۇرغان ئەركىشىگە شۇنداق دېدىم.دەسلەپ ئۇ مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغۇنۇمنىمۇ ئاڭقىرالماي مەڭدەپ قالغاندەك تۇرۇپ قالدى. ـــ ھوي،بۇ باشلىق،سىلىنىڭ گاس خوتۇنۇڭلىنى قانچە پۇل بىلەن ساقىيىدىكەن،دەۋاتىدۇ!ـــ دېدى ئۇدۇلدىكى ئورۇندا ئولتۇرغان ھېلىقى ئادەم چاققان كېلىپ. ـــ يىگىرمە بەش مىڭ كوي...كەن...ـــ ئۇ مېنىڭ نېمە دېمەكچى،نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى بىردىنلا پەملەپ بولدى، بۇ بىرنىمىنىڭ قۇۋلىقنى قارىمامدىغان؟نېمە دېگەن ھىيلىگەرلىشىپ كەتكەن ئادەملەر ھە!ئۇ چوقۇم مېنىڭدىن پۇلنى ئېلىپلا خوتۇنۇمنى داۋالىتىمەن،دەپ يالغان ئېيتىپ،بار پۇلنى يانچۇقىغا تىقىدۇ. ـــ سەللىمازا ساقىيىدۇ،دەيدۇ...بەك بولمىسا،ئاڭلاشقا ياردىمى بولىدىغان بىر ئۈسكۈنە باركەن،ـــ دېدى ئۇ يەنە.ئۇ مېنى ئۇنچە جىق پۇل يادەم قىلالمىساڭمۇ،ئۈسكۈنە ئالغۇدەك پۇلنى بولسىمۇ بەر،دەپ تاما قىلىشقا باشلىغاندى.ماشىنىدىكى ھەممە يولۇچىلار دېگۈدەك،مېنىڭ گۈلخاننىڭ كېسىلىگە ھېسداشلىق قىلىۋاتقىنىمدىن خەۋەردار بولۇپ بولدى.ھەممەيلەن دېگۈدەك گۈلخانغا،ماڭا،ئارىمىزدا بولىۋاتقان پاراڭلارغا قىزىقسىنىپ قاراپ تۇرىشاتتى.گەپ قىستۇرىشاتتى. ـــ نى شەنجاڭنىڭ بىر ئېغىزلا گېپى ناھايىتى... ـــ ئېسىل ئادەمگە يولۇقتۇڭلا جۇمۇ سىلە... ـــ ... مەن شۇ چاغدا قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە تۇرۇپمۇ يەنە قانداق بىمەنە،ئەخمىقانە گەپلەرنى قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن.بوۋايغا بىرمۇنچە ۋەدىلەرنى بەردىم؛يول كۆرسەتتىم؛مېنى بىۋاستە ئىزدەڭ،دەپ تېلفۇن نومۇرۇمنى قالدۇردۇم؛گۈلخانغا زادىلا قارىمىدىم.ئەمما ئۇنىڭ بايىقىدەك جىمجىت ئولتۇرماي،بىردىنلا جىددىلىشىپ قالغانلىقى كۆز ئۆڭۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.دېمەك،ئۇ بۇ يەردە ئۆزى توغرىسىدا بولىۋاتقان گەپلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ سېزىپ بولغاندەك قىلاتتى. ئاخىرى ناھىيە بازىرىغا كىرىپ كەلدۇق.ئاپتۇبۇس بېكەتنىڭ كەڭ ھويلىسىدا توختىدى.ئالتە سائەت مېڭىپ ئۆيلىرىگە تەشنا بولۇپ كەتكەن يولۇچىلار بىر بىرىنى ئىتتىرىشىپ،ماشىنىدىن چۈشۈشكە باشلىدى.گۈلخاننىڭ ئېرى شۇ چاققىچىمۇ ئاغزىدىن«رەھمەت،رەھمەت...»دېگەن سۆزلەرنى تەكرارلاپ ئولتۇراتتى.مېنى گېپىدىن يېنىۋالارمۇ،دېگەندەك چىرايىمغا ئىشىنەلمەسلىك بىلەن قاراپ قاراپ قوياتتى.ئەمدى ئەڭ ئاخىرقى پىلانىم ــ گۈلخاننىڭ قولىغا يىگىرمە مىڭ يۈئەن نەق پۇلنىڭ ھەممىنىلا تۇتقۇزۇش ئىدى.بوۋايغا بېرىشنى خالىمىغاچقا مەن بۇ ۋاقىتنى قەستەن،ئادەملەر سېلىككەن،مۇشۇنداق ۋاقىتقا قالدۇرۇپ قويغانتىم. ـــ ئايالىڭىزغا دەڭ،بۇ پۇل بىلەن قۇلىقىنى داۋالاتسۇن،بايا دېگىنىمدەك،ئۇنى دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالىتىدىغان ئىشقا دەرھال تۇتۇش قىلسىڭىزلا،مەن ماشىنا ھەم مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرىمەن.ئەلۋەتتە قالغان چىقىمنىمۇ كۆتۈرىمەن،سىزمۇ زىيان تارتمايسىز.ـــ دېدىم قول سومكامدىكى بارلىق نەق پۇللارنى چىقىرىپ بېرىۋېتىپ.بىر زۆرۈرىيەت بىلەن يېنىمدا شۇنچىلىك بولسىمۇ نەق پۇل ئېلىۋالغىنىمغا بەكلا خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ـــ بولدى قىلىڭ،مەن ھەممىنى بىلدىم!...ـــ گۈلخاننىڭ قۇلىقىغا،ئېرى،قولىنى كانايچە قىلىپ ۋاقىرماقچى بولغاندى،ھېچ ئويلىمىغاندا گۈلخاننىڭ ئاغزىدىن شۇنداق كەسكىن سۆزلەر ئېتىلىپ چىقتى.ـــ ياق،مەن بۇ پۇللىرىڭىزنى ئالمايمەن.بىلىمەن،مەن پۇللىرىڭىزنى ئېلىپلا قويسام سىز قالتىس خوش بولۇپ كېتىسىز.مەن نېمە دەپ يەنە سىزنى خوش قىلغۇدەكمەن؟...خوشاللىق تېزلا ئۇنتۇلىدۇ،لېكىن ھەسرەت، پۇشايمان،يۈزسىزلىك، ئالدامچىلىق،كىشىنىڭ ھەققى... يۈرەككە ئۆمۈر بويى ئوغۇرى تىكەندەك سانچىلىپلا تۇرىدۇ...شۇڭا مەن مۇشۇنداق بولىشىنى خالايمەن.تەقدىرنىڭ ئادىللىقى بىرىمىزنى گاس،بەختسىز،يەنە بىرىمىزنى تىنچىماس، قانائەتسىز...قىلىپ جازالىغانلىقىدا.بۇنى بىلىشىمىز كېرەك! ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ئۇ ئېغىر تىنىپ بېشىنى ھارغىن چايقاپ قويدى.بىزارلىق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يۈزى تېخىمۇ تاتىرىپ كەتكەندى.قوللىرىنىڭ،ئاۋازىنىڭ تىترەۋاتقانلىقىنى سەزدىم.قېنى قاچقان بۇ قوللار كىشىنى شۈركەندۈرەتتى،ھەتتا تىرناقلىرىدىمۇ قان دىدارى يوق ئىدى.بۇ سۆزلەرگە قانداق ئىپادە بىلدۈرىشىم مۈمكىن؟تۇنجى قېتىم بېشىم ئىختىيارسىز ساڭگىلىدى.تۇنجى قېتىم زۇۋانىم تۇتۇلۇپ،تامىقىم قۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ قالدىم.ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم،ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنى،پېتىۋاتقان قۇياشقا ئوخشاشلا ئاشكارە ئىش ئىدى.بۇنى مەن ۋە ئۇ ئىككىمىزلا بىلەتتۇق...يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى.دېمەك،ئالتە سائەت ئەمەس،يىگىرمە يىلدىن بۇيانقى پۈتۈن ئۇرۇنۇشلىرىم بىكارغا كەتكەندى. ـــ بۇ خوتۇننىڭ كاللىسىدا ئازراق...ئازراق بار... ئۇنىڭ نېرىۋسى بەك ئاجىز... ـــ مەڭدەپ تۇرغان بوۋاي قولغا كىرگىلىۋاتقان پۇللارنىڭ خوتۇنىنىڭ«پەلىپەتىش» سۆزلىرى سەۋەبلىك يوق بولىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،بىگىز بارمىقىدا چېكىسىنى ئايلاندۇرغاچ،ئوپۇل توپۇل شۇنداق چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى،ـــ ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان مۇشۇنداق تۇتقاقلىقى بار.بۇدا بىللە داۋالاتسام بولغۇدەك... ـــ ساراڭ دېگەن سەن!خەقنىڭ پۇلىغا قول سوزغۇچە بولغاندېكىن ئۆزۈڭ ساراڭ!ـــ مەنلا ئەمەس،ئۇنىڭ ئېرىمۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدۇق،گۈلخان ھەر بىر سۆزنى چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن چىقىرىپ دانىمۇ دانە ئېيتتى،ـــ بۇ ئادەمنىڭ پۇلىدا سېنىڭ نېمە ھەققىڭ؟!مەن داۋالانمايمەن،بۇ دۇنيادا مەن ئاڭلىغۇدەك،سەزگۈدەك نېمە بار ئىدى شۇنچە؟ھېچنېمە...ھېچنېمە يوق!مېنىڭ گاس بولغۇم بار!قانداق قىلالايتىڭ؟خەقنىڭ بىر تىيىن پۇلىنى ئېلىپ باققىنا قېنى!گاسكەن،پاڭكەن،دېسەڭ كەينىمگە ياندۇر،بالا باققۇچى بولساممۇ،كوچىدا قەلەندەر بولۇپ ئۆلسەممۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى!... گۈلخان قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ ئارقىغا بۇرۇلدى دە،سەپەر سومكىسىنى سۆرەپ ئىتتىك-ئىتتىك مېڭىپ كېتىپ قالدى.ھەتتا ماڭا بىر رەت ئۆرۈلۈپ قاراپمۇ قويمىدى. ـــ بۇ خوتۇن...بۇ خوتۇننىڭ كاللىسىنىڭ راستلا دەردى بار...مۇشۇنداق تاققا-تۇققۇ سۆزلەيدۇ...ـــ بوۋاي چۈشەندۈرمىسە،مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئالمىسا بولمايدىغاندەك كېكەچلەپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق دېدى.ئىپادىسىز تۇرغىنىمنى،خوتۇنىنىڭ ئالدى كەينىگە قارىماي ئۆزىدىن ئۇزاپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ،بىردىنلا بېشى چۈشۈپ كەتتى-دە،بىرنىمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشۇپ كەينىدىن كەتتى. توۋا...شۇنچە تەسەۋۇرلارنى قىپتىمەن-يۇ،گۈلخاننى بۇنداق سۆزلەرنى قىلىدۇ،دەپ يەنە ئويلىماپتىمەن...ئۇ ئاشۇ كېچىدە،باغرىمدا،مەن بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىۋاتقاندىمۇ تەسەۋۇرۇمدىن سىرتلا شۇنداق دېگەن:«مېنى مەڭگۈ سۆيىشىڭىزنى ئەمەس،مەڭگۈ ئۇنتىماسلىقىڭىزنى كۈتىمەن»... پۈتۈنلەي خۇدۇمنى يوقاتقاندىم.ئۇنىڭ ئاخىرقى ھەر بىر سۆزلىرى يۈرىكىمگە خەنجەر بولۇپ سانچىلدى.ھەقىقەتەن،ئۇنى بىر قېتىم مېھرىم بىلەن سۆيەلمىگەندىم-يۇ،ئۇنى بىر ئۆمۈر ئوخشاشلا ئۇنتۇپ كېتەلمىگەندىم...ئەمدى تېخىمۇ ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن...بۇ يەردە غالىب كىم؟مەنمۇ ياكى گۈلخان؟كىم ھەقىقى خاتىرجەملىكتە،ھەقىقى بەخت سائادەت ئىچىدە ياشىغاندۇ؟مەنمۇ ياكى ئۇ؟...يىگىرمە يىللىق ھاياتلىق خۇلاسىللىرىم ۋە ئىرادەمنىڭ بىردىنلا بەربات بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم... ئاجىز بىر ئايال بىر ئېغىز سۆز بىلەن كۈمپەيكۈم قىلىۋېتەلىگەن شانلىق غەلبىللىرىم...نەقەدەر ئاجىز،نەقەدەر تۇترۇقسىز ۋە نەقەدەر مەنىسىز...خۇددى لالما ئىتلاردەك،ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتىدىغان«زىقمۇ كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان ئۇسۇل»دېگەنلەرگە مىڭ لەنەت! قۇياش ئۇپۇقتا پاك پاكىز غايىب بولدى.ئاسمان قىپقىزىل قان رەڭگىدە كىردى.يۈزۈممۇ قىزىرىپ،پۈتۈن بەدىنىم كۈيىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتىم.بېشىمنى كۆتۈرۈپ گۈلخان غا قارىدىم. ئۇ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى.ئالقانلىرى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.ئۇ يىغلاۋاتاتتى.ئاخىرى ئۇنى كۆرەلمەيلا قالدىم...شامال چىقماقتا،توساتتىن ئۆزۈمنىڭمۇ يىغلاۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلدىم. كۆز ياشلىرىم چاناقلىرىمغا پاتماي قېلىۋاتاتتى. مەن قۇمۇشلۇقتىن قېچىپ كەلگەن شۇنچە يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم يىغلاۋاتاتتىم.ئەزەلدىن يىغلاشنى يامان كۆرەتتىم،يىغلاشنى ئاجىزلىقنىڭ بەلگىسى بىلەتتىم.ئەپسۇسكى،ئۆزۈم شۇ تاپ مىليۇن چاقىرىم يول بېسىپمۇ يەنىلا بۇتساتۋاسىنىڭ ئالقىنىدىن چىقىپ كېتەلمىگەن تاش مايمۇنغا ئوخشاش كۈلكىلىك ھالدا قالغاندىم... كەينىمگە بۇرۇلۇپ بېكەتنىڭ كەينى دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتىم.شامال ياشلىرىمنى بىردەمدىلا قۇرۇتىۋەتتى... 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى(خېجىڭ)